25-فېۋرالدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-02-25 12:23:03

\

جۇڭگو ئاكسىيە گېزىتى: نۇرغۇن جىڭيۈەن زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى% 70 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى ، زاكازنى قولغا كەلتۈرۈش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولۇپ قالدى.

\


ماكرۇلۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
تاشقى باشقۇرۇش ئىدارىسى: 1 - ئايدا، مال سودىسىنىڭ چەتئەلگە چېتىشلىق كىرىم چىقىم ئاكتىپ بالانىسى 38 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن% 9 ئاشقان ،نۆۋەتتە تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا.
بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى: 2025-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا، سودا بانكىسى جەمئىي 2 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن ساپ پايدا ياراتتى .
چيەنجياڭ كەچلىك گېزىتى: 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، خاڭجۇ شەھەر رايونىدىكى يوللاردا قاتناش توختاپ قالغىنىغا ئىككى ئاي بولدى، قاچان ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشى ئېنىق ئەمەس

\


ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
مەركىزى بانكا مۇنداق دېدى: كاپالەت بىناسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەيمىز ، تۇرالغۇ ئىجارىسىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئۆي ـ مۈلۈك كەسپىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇقىم ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

سەيشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3280.49 نۇقتىغا كېلىپ،% 0.39 چۈشتى، پۈتۈشۈش سوممىسى 357 مىليارد 622 مىليون يۈەنگە يەتتى. شېنجىن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 12064.38 نۇقتىغا يېتىپ، % 0.25 چۈشتى، پۈتۈشۈش سوممىسى 579 مىليارد 687 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىگىلىك تىكلەش كۆرسەتكۈچى 2547.2 نۇقتىغا يېتىپ،% 0.7 چۈشتى، پۈتۈشۈش سوممىسى 233 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يەتتى.
شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، 10 غا يېقىن فوند سودا راسچوت ئەندىزىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاكسىيە سودىگىرى راسچوت ئەندىزىسىنى قوللاندى .
شياڭگاڭ ساياھەت ئىدارىسى: 1 - ئايدا، شياڭگاڭنى زىيارەت قىلغان ساياھەتچى تەخمىنەن 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى 12- ئايدىكى 160 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى: 2023 - يىلى دۇنيا نېفىت ئېھتىياجى 2 مىليون تۇڭ ئاشتى. 101 مىليارد 900 مىليون تۇڭ كۈنىگە يەتتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى:ئامېرىكا بازارلىرىدا تۇخۇمنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، 1 -ئايدىكىدىن% 8.5 ئۆستى.

تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:

\

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.11 ئۆسۈپ ، 34128.05 نۇقتا، ناسىاك كۆرسەتكۈچى% 0.92 ئۆسۈپ، 12070.59 نۇقتا ؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى% 0.28 ئۆسۈپ ، 4147.60 نۇقتىغا چىقتى.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى% 0.55 ئۆرلەپ، 7997.83 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX30كۆرسەتكۈچى % 0.82 ئۆرلەپ ، 15506.34نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچىنىڭ باھاسى% 1.21 ئۆرلەپ، 7300.86 نۇقتا بولدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.