4-فېۋرالدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-02-04 11:33:17

\

جۇڭگو رەڭلىك مېتال سانائىتى جەمئىيىتى مۇنداق دېگەن:مىس بايلىقى زاپاس ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ مىس ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سودا زاپاس ساقلاش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مالىيە ياردەم ئۆسۈمى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى تايانچ كارخانىلارنى تاللاپ، سودا زاپىسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:يېقىندا سېلىنما مەبلىغى سودىسى جانلاندى، بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار بىر تەرەپتىن باھاسى تۆۋەن چاغدا مال تولۇقلىسا، بىر تەرەپتىن پۇرسەت تاللاپ قايتۇرۇپ سېتىۋېلىپ پۇلغا ئايلاندۇردى.

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:1-ئايدا بېيجىڭدا نىمكەش تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ توردا ئىمزالىنىش مىقدارى 15 مىڭ يۈرۈشكە يەتتى، بۇ بۇلتۇر 12-ئايدىن بۇيان، توردا ئىمزالىنىش مىقدارىنىڭ ئۇدا ئىككىنچى ئاي 15 مىڭ يۈرۈشتىن يۇقىرى بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:بۇ يىل شاڭخەي كونا تۇرالغۇلارغا لىفىت ئورنىتىش، يېڭىلاشنى ئالغا سىلجىتىش
، ئۆيلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
سەيشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 4067.74 نۇقتا بولۇپ، % 1.29 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 110 مىليارد 720 مىليون يۈەن بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 14127.11 نۇقتا بولۇپ، % 2.19 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 433 مىليارد 511 مىليون يۈەن بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 3324.89 نۇقتا بولۇپ، % 1.86 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 681 مىليارد 738 مىليون يۈەن بولغان.
گۇيجوۋ ماۋتەي:1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 416 مىڭ 900 پاي چېكى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىندى، تۆلىگەن ئومۇمىي سومما 571 مىليون يۈەن بولدى.
سودا ئورنى:1-ئايدا فوندتىن 546 مىڭ 300 ى يېڭىدىن ھېساب ئاچقان بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى % 123.80گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 168.72 ئاشقان
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ ئېچىلىدى.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى:كەلگۈسى كەسىپ باشلامچى رايونى قۇرۇلۇشىغا تەرتىپلىك قاتنىشىپ، ھەرقايسى جايلارنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيدۇ
شاڭخەي سودا بازىرى:كۈمۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توختامى سودا كاپالەت پۇلى سەۋىيەسى ۋە ئۆرلەش-چۈشۈش چېكى نىسبىتىنى تەڭشەيدۇ
قەرەللىك مال سودا ئورنى:2-ئاينىڭ 4-كۈنى بازار يېپىلىپ راسچوت قىلىنغاندىن باشلاپ، كۈمۈش زاكاز مېلى بازارغا سېلىنغان توختامنىڭ ئۆرلەش-چۈشۈش چېكى % 19 كە تەڭشەلدى.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.34 تۆۋەنلەپ، 49240.99 نۇقتىغا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى% 1.43 تۆۋەنلەپ، 23255.19 نۇقتىغا ، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى% 0.84 تۆۋەنلەپ، 6917.81 نۇقتىغا چۈشكەن.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.26 تۆۋەنلەپ، 10314.59 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى% 0.07 تۆۋەنلەپ، 24780.79 نۇقتا ؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.02 تۆۋەنلەپ، 8179.50 نۇقتا بولغان.
ئالتۇن جەھەتتە: ئالتۇن زاكاز مېلى% 6.83 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4970.5 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
خام نېفىت جەھەتتە:3-ئايدا خام نېفىت زاكاز مال باھاسى % 1.72 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 63.21 دوللار بولغان. بىرېنت خام نېفىتىنىڭ 3-ئايدىكى زاكاز مال باھاسى% 1.55 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 67.33 دوللار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.