3-فېۋرالدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-02-03 11:06:21

\

بىرىنچى مالىيە-ئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن :ھازىر ئون ئادەتتىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر GDP سى تىرىليون يۈەنلىك شەھەرلەر قاتارىغا كىردى، بۇ، جياڭسۇدىكى سۇجوۋ، ۋۇشى، نەنتۇڭ، چاڭجوۋ، گۇاڭدۇڭدىكى فوشەن، دۇڭگۇەن، فۇجيەندىكى چۈەنجوۋ، شەندۇڭدىكى يەنتەي، خېبېيدىكى تاڭشەن، جېجياڭدىكى ۋېنجوۋنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش لىدىرى يۈ ۋېيۋېن مۇنداق دېگەن:ئىدارىمىز تاپشۇرۇۋالغان مۇقىم پۇل تارقاتقۇچىلارنىڭ نومۇر تاختىسى ئىلتىماسىنى باھالاۋاتىدۇ ھەمدە قىسمەن ئاپپاراتلاردىن تولۇقلاش ماتېرىياللىرىنى تەلەپ قىلدى، مەسىلەن، مۇقىم پۇلنىڭ كونكرېت ئىشلىتىلىش ئورنى، خەۋپ-خەتەر باشقۇرۇش رامكىسى ۋە زاپاس مۈلۈك تۈرى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلار، نىشانى 3-ئايدا شياڭگاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇقىم پۇل تارقاتقۇچىلارنىڭ نومۇر تاختىسىنى تارقىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش.

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى:شاڭخەينىڭ نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تۈرىگە ئىشلىتىش خىزمىتى ماھىيەتلىك باشلاندى.
بېيجىڭ سودا گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:1-ئايدا بېيجىڭدا نىمكەش ئۆيلەرنىڭ توردا ئىمزالىنىش مىقدارى 15 مىڭ 82 يۈرۈشكە يېتىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي 14 مىڭ يۈرۈش ئۆتكەلنى چىڭ ساقلىدى، بازارنىڭ مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى مۇستەھكەملەندى

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
دۈشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 4015.75 نۇقتا بولۇپ، % 2.48 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 163 مىليارد 533 مىليون يۈەن بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 13824.35 نۇقتا بولۇپ، % 2.69 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 421 مىليارد 232 مىليون يۈەن بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 3264.11 نۇقتا بولۇپ، % 2.46 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 681 مىليارد 866 مىليون يۈەن بولغان.
ئاكسىيە گېزىتى:1-ئايدا، جەمئىي 585 فوند 605 قېتىم پايدا تەقسىملەشنى يولغا قويۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا پائال جاۋاب قايتۇردى
چاڭفېي ئوپتىك تالاسى:يەر شارىۋى ئوپتىك تالا، ئوپتىك كابېل كەسپىنىڭ بازار مۇھىتى نورمال، سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تىپتىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېھتىياج ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولدى.
مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى:قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ كىرىم باج سوممىسىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.
سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق توققۇز تارماق:«2026 <چاغانلىق خۇشال-خۇرام مال سېتىۋېلىش > ئالاھىدە پائالىيىتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:«گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 2026-يىللىق بازارلاشتۇرۇپ بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى
نى ئەلالاشتۇرۇش خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.
تېسلا مۇنداق دېگەن:ئۈچىنچى ئەۋلاد تېسلا ئادەم شەكىللىك ماشىنا ئادەم پات ئارىدا مەيدانغا چىقىدۇ، بىرىنچى خاراكتېرلىك پىرىنسىپنى چىقىش قىلىپ، قايتا لايىھەلەپ، ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق يېڭى ماھارەت ئۆگەنگىلى بولىدۇ، يىلىغا مىليون دانە ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەندى.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى % 1.05 ئۆرلەپ، 49407.66 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى % 0.56 ئۆرلەپ، 23592.11 نۇقتا ،ئۆلچەملىك پور 500كۆرسەتكۈچى % 0.54 ئۆرلەپ، 6976.44 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 1.15 ئۆرلەپ، 10341.56 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 1.05 ئۆرلەپ، 24797.52 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 1.05 ئۆرلەپ، 8181.17 نۇقتا بولغان.
ئالتۇن جەھەتتە: ئالتۇن زاكاز مېلى% 1.35 تۆۋەنلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4680.9 ئامېرىكا دوللىرى بولدى.
خام نېفىت جەھەتتە: 3-ئايدا خام نېفىت زاكاز مال باھاسى % 4.71 چۈشۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 62.14 دوللار. برېنت خام نېفىتىنىڭ 3-ئايدىكى زاكاز مال باھاسى % 4.36 چۈشۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 66.30 دوللار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.