2-فېۋرالدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-02-02 11:04:19

\


مەركىزىي بانكىنىڭ بانكا باشلىقى پەن گۇڭشېڭ مۇنداق دېگەن 2025-يىلى جۇڭگو پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنى 5 ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى .
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

\

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:دۆلىتىمىز بازار ئىجازىتىدىكى توسالغۇلارنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى نۇسخىدىكى بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى تېزدىن تۈزىتىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «ئىككى مۇھىم، ئىككى يېڭى»بولۇشقا پائال قاتنىشىشىنى قوللايدۇ. پۇقراۋى كارخانىلار ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.
ئەتىگەنلىك مالىيە خەۋىرى:ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە، ماسك قارىمىقىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركىتى xAI ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى Grok 3 پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمىنى ئېلان قىلدى.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

\


ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتى:ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىكار يەرلەرنى يىغىپ ساقلاش رىتىمى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلدى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرى:تاۋار ئۆيلەرنى سېتىش نەق مەيدان ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. يانداش مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى ئېچىش ھەم ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى مائارىپ ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۆلچەمنى ئېنىق ئەسكەرتىش كېرەك.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

\

ئالدىنقى جۈمە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3324.49 نۇقتا بولۇپ 0.93 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 696 مىليارد 799 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10617.26 نۇقتا بولۇپ 1.61 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1102 مىليارد 312 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2182.57 نۇقتا بولۇپ % 1.98 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 532 مىليارد 994 مىليون يۈەن بولغان.
جۇڭگو ئاكسىيە بازىرى تورىدا مۇنداق دېيىلگەن:2025-يىلىدىن بۇيان، ئالتۇن باھاسى سىجىل ئۆسۈپ، پېيى بازارغا سېلىنغان ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
جۈخۇا پاي چەكلىك شىركىتى:مەبلەغنى كۆپەيتىپ، پاي كونترول قىلىدىغان گەنسۇ جۈخۇا شىركىتى 19 مىليارد 625 مىليون يۈەنلىك يۇقىرى ئىقتىدارلىق فىتورىد-خىلور يېڭى ماتېرىيالىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى يولغا قويماقچى. تۆمۈريول ئىدارىسى:1-ئايدا، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 369 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.1 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە تېز سۈرئەتلىك پويىز گۇرۇپپىسىدا يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 74.6 كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول يۈك توشۇش ـ تارقىتىش مىقدارى 423 مىليون توننا ئورۇندالغان.
تيەنجىن پورتى گۇرۇھى:1-ئايدا تيەنجىن 1 مىليون 983 مىڭ ئۆلچەملىك كونتېينېر كىرگۈزۈش-چىقىرىشنى تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.3 ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتقان، ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدە تاشقى سودا كونتېينېرنىڭ ئېمپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.3 ئاشقان.
. تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

\

:ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.02 ئۆرلەپ، 44556.34 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى% 0.07 ئۆرلەپ، 20041.26 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى 0.24 ئۆسۈپ، 6129.58 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى% 0.01 تۆۋەنلەپ، 8766.73 نۇقتا؛ گېرمانىيە30 DAX كۆرسەتكۈچى % 0.20 ئۆرلەپ، 22844.50 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.21 ئۆرلەپ، 8206.56 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.