30-يانىۋاردىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-01-30 11:32:23

\


مەركىزىي بانكا:2026-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپاس كۆلىمى 32 مىليارد 400 مىليون دوللار بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى 1.94 تۆۋەنلىگەن. ئالتۇن زاپىسى 73 مىليون 290 مىڭ ئۇنسىيە بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى 330 مىڭ ئۇنسىيە ئېشىپ، ئۇدا ئىككى ئاي ئالتۇن زاپىسى كېڭەيتىلگەن.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن:ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلغان.
باج ئىدارىسى :2025-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى ئاساسلىق سىياسەتلەر بويىچە باج كېمەيتىلىپ، ھەق تۆۋەنلىتىلدى ھەم قايتۇرۇلغان باج تەخمىنەن 2 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولدى.

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
بېيجىڭ گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى:2025-يىلى بېيجىڭنىڭ پارچە سېتىش ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن تەمىنلەش مىقدارى 1 مىليون 620 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، بازار رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، 2026-يىلى 1 مىليون 570 مىڭ كىۋادرات مېتىر يېڭىدىن كۆپىيىپ بازارغا كىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە؛
پەيشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3229.64 نۇقتا بولۇپ، 0.71 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 436 مىليارد 388 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 9998.76 نۇقتا بولۇپ، 1.14 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 640 مىليارد 249 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2028.36 نۇقتا بولۇپ، 0.70 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 277 مىليارد 786 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
بېيجىڭ شەھىرى:2025-يىلى دۆلەتنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردىكى مەھسۇلات،2026-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھىرىمان بولىدۇ.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى :2025-يىلى 1-ئايدىن11-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىتىش ھەققى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 356 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.6 ئاشقان.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى:1-ئايدا سودا تەتۈر پەرقىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى 6.2 ئېشىپ، 78 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەن، ئىمپورت سېلىشتۇرما نىسبىتى 3.4 ئېشىپ، ئېكسپورت 2.7 ئاشقان.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە
داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى 0.42 تۆۋەنلەپ، 42528.36 نۇقتا؛ناسىداك كۆرسەتكۈچى 1.89 تۆۋەنلەپ، 19489.68 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 1.11 تۆۋەنلەپ، 5909.03 بولغان
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى% 0.05 چۈشۈپ، 8245.28 نۇقتا. گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.62 ئۆرلەپ، 20340.57 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.59 ئۆرلەپ، 7489.35 نۇقتا بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.