29-يانىۋاردىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-01-29 11:14:17

\

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى مۇنداق دېگەن:يېڭى مەركەز كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك، كەسىپ يېتەكچىلىكى، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردىكى تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىشنى كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۈش كېرەك؛
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 95 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

\

ماكراۇلۇق ئىقتىساد جەھەتتە
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى:ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ، فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى نىشان ئارىلىقىنى% 3.5 تىن% 3.75 كىچە بولغان ئارىلىقتا ساقلىغان، بۇ، بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆزلىمىسىگە ئۇيغۇن.
كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى:2025-يىلى مەملىكەت بويىچە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەكشۈرگەن چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار جەمئىي 697 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 14.2 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى:2025-يىلى، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى 27 مىڭ 100 كونا ئولتۇراق رايوندىكى 4 مىليون 990 مىڭ ئائىلىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، جەمئىي 133 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئۆي-جاي مۇلازىمىتى:2025-يىلى، شياڭگاڭدىكى شەخسىي تۇرالغۇلارنىڭ سېتىلىش باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 3.25 ئۆرلەپ، 2021-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يىللىق ئېشىش يارتىلدى، بۇ، ھازىرغا قەدەر شياڭگاڭ تۇرالغۇ بازىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پەسكوي ھالەتتىن قايتا جانلىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق سىگنالى ھېسابلىنىدۇ.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
چارشەنبە، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 4151.24 نۇقتا بولۇپ، % 0.27 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 365 مىليارد 526 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 14342.89 نۇقتا بولۇپ، % 0.09 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 599 مىليارد 884 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 3323.56 نۇقتا بولۇپ، % 0.57 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 749 مىليارد 318 مىليون بولغان.
ما يۈن:ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى دەۋرىمىزدە ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكتە ئىككىلەنمەي، بالىلىرىمىزغا AI دىن قانداق قىلغاندا ياخشى پايدىلىنىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.
جۇڭگو ئاساسىي فوند جەمئىيىتى:2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان خۇسۇسىي فوند باشقۇرغۇچىلار باشقۇرىدىغان فوند كۆلىمى 22 تىرىليون 150 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.02 ئۆرلەپ، 49015.60 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى% 0.17 ئۆرلەپ، 23857.45 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى% 0.01 چۈشۈپ، 6978.03 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى % 0.52 چۈشۈپ، 10154.43 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى% 0.29 چۈشۈپ، 24822.79 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 1.06 چۈشۈپ، 8066.68 نۇقتا بولغان.
ئالتۇن جەھەتتە: ئالتۇن زاكاز مېلى% 5.83 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 5378.80 دوللار بولغان.
خام نېفىت جەھەتتە:3-ئايلىق خام نېفىت زاكاز مال باھاسى % 2.9 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 63.21 دوللار بولغان. بىرېنت خام نېفىتىنىڭ3-ئايلىق زاكاز مال باھاسى % 3.02 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 68.40 دوللار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.