14-يانىۋاردىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2026-01-14 12:38:22

\


ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇنداق دېگەن:مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن شەكىللەندۈرىمىز ھەم مۇستەھكەملەيمىز. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ پاي چېكى بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
مەركىزىي بانكىنىڭ بانكا باشلىقى پەن گۇڭشېڭ مۇنداق دېگەن:يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولدى، ئامېرىكىدىن باشقا پۇللارنىڭ قىممىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىدى، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىدىمۇ سەل-پەل تۆۋەنلەش بولدى، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر كۈچلۈك ئېلاستىكلىقنى نامايان قىلدى،

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
تاموژنا باش مەھكىمىسى:2025-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 43 تىرىليون 850 مىليارد يۈەن بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، دۆلىتىمىز تاشقى سودىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، ئېشىش مىقدارى، سۈپىتىنىڭ ھەممىسىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش كومىتېتى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ 3-ئاينىڭ8-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، جەمئىي 40 كۈنلۈك باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتىكى سەپەرگە چىقىش ئومۇمىي مىقدارىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىشىدىن ئۈمىد بار، بېيجىڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئادەم ئېقىمى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 116 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىشى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 900 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
دۈشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3160.76 نۇقتا بولۇپ، 0.24 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 411 مىليارد 774 مىليون بولدى. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 9796.18 نۇقتا بولۇپ، 0.00 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 554 مىليارد 603 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 1982.46 نۇقتا بولۇپ،% 0.36 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 245 مىليارد 669 مىليون بولغان.
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى:تۇنجى تۈركۈمدىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى ETF بولسا1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلغان.
جۇڭگو ئاپتوموبىل جەمئىيىتى: 2025-يىلى، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتا جەمئىي 31 مىليون 282 مىڭ ئاپتوموبىل ۋە 31 مىليون 436 مىڭ ئاپتوموبىلنى تاماملىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 3.7 ۋە% 4.5 ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 30 مىليوندىن يۇقىرى كۆلەمنى داۋاملىق ساقلىغان.
تاموژنا باش مەھكىمىسى: يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە، 2025-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېكسپورتى 71.9 ئاشتى.
تاموژنا باش مەھكىمىسى:2025-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت خاتىرىسى بار تىجارەت سۇبيېكتى 700 مىڭغا يەتكەن، سان جەھەتتە يەنە يېڭى يۇقىرى يارىتىلدى

\

تاشقى پېرېۋوت :
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.86 ئۆرلەپ، 42297.12 نۇقتا؛ ناسىداك كۆرسەتكۈچى 0.38 تۆۋەنلەپ، 19088.10 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى 0.16 ئۆسۈپ، 5836.22 نۇقتا بولغان
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى ،% 0.29 چۈشۈپ، 8224.19 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.41 تۆۋەنلەپ، 20132.85 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.30 چۈشۈپ، 7408.64نۇقتا بولغان
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.