15-دىكابىردىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2025-12-15 12:52:16

\

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مۇنداق دېگەن :بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن قاتناش-تىرانسپورت بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلىندۇ. قاتناش-تىرانسپورت ساھەسىدىكى تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، جەمئىيەت كاپىتالى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ.

21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى:يېقىندا مەركىزىي بانكا زايوم بازىرىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا قاتتىق زەربە بېرىپ، نۆۋەتتە 1-تۈركۈمدىكى جازالاش تىزىملىكى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلگەن.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنۇلار دېيىلدى:ياپونىيە ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى خوندا ئاپتوموبىل ۋە نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشتۈرۈش ئىشلىرى توغرىسىدا، بىرلەشتۈرۈش سۆھبىتىنىڭ رەسمىي باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مۇنداق دېگەن:كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى جاسارەت بىلەن ئېچىش كېرەك.

دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى:11-ئايدا، دۆلەت تۆمۈريولى 350 مىليون توننا يۈك توشۇش مىقدارىنى تاماملىدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.5 ئاشقان

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى:2025-يىلى، دۆلىتىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىنىڭ كەسىپلىشىش نىسبىتى % 55.1 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن

ئاكىسيە پاي چېكى جەھەتتە: شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3351.26 نۇقتا بولۇپ، % 0.5 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 623 مىليارد 118 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10537.40 نۇقتا بولۇپ، % 1.03 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 907 مىليارد 672 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2187.94 نۇقتا بولۇپ، % 0.98 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 409 مىليارد 610 مىليون يۈەنگە يەتكەن

ئاكسىيە گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى:12-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، بۇ يىل ئىچىدە پېيى بازارغا سېلىنغان 60 قا يېقىن شىركەت تارماق شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، پېيىنى كېڭەيتىشى ھەم ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى كىرگۈزۈشىگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى:11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 5 G كۆچمە تېلېفون ئابۇنىچىسى 1 مىليارد 02 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 180 مىليون ئابۇننت كۆپىيىپ، كۆچمە تېلېفون ئابۇنىچىسىنىڭ % 56 ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 9.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:«كۆمۈر كان رايونى ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»12-ئاينىڭ 2-كۈنى 19-قېتىملىق كومىتېت ئىشلىرى يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

گۇيجوۋ ماۋتەي:2026-يىللىق جياڭ شىياڭجيۇ ھاراق شىركىتىنىڭ ۋەزىپە-نىشانىنىڭ سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولمىغان.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى % 0.16 ئۆرلەپ، 42906.95 نۇقتا؛ ناسىداك كۆرسەتكۈچى % 0.98 ئۆرلەپ، 19764.89 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 0.73% ئۆسۈپ، 5974.07 نۇقتا بولغان.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى% 22.0 ئۆر لەپ، 8102.72 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.18 تۆۋەنلەپ، 19848.77 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.03 تۆۋەنلەپ، 7272.32 نۇقتا بولغان

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.