12-نويابىردىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2025-11-12 12:11:14

\


ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ چىڭ مۇنداق دېگەن:9 ـ ئايدا ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش يېتەكچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، سۇغۇرتا، مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىق مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىشىدىكى توسۇق نۇقتا، ئاجىز نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىدىغان بازار ئېكولوگىيەسىنى يېتىلدۈردۇق.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيەسى:ئۆكتەبىردىن بۇيان، تىرىك چوشقىنىڭ بازار تەمىناتى داۋاملىق ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تىرىك چوشقا سېلشتۇرما باھاسى ئۇدا ئىككى ئاي تۆۋەنلىدى.




ماكرۇلۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

\

مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق : «سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سۇ بايلىقى ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىلىق سىناق قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى:2024-يىلى، يەر شارىۋى ئاممىۋى قەرز تۇنجى قېتىم 100 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ، يەر شارى GDP نىڭ 93 ىگە يەتكەن، 2030-يىلىغا بارغاندا 100 كە يېقىنلىشىدىكەن، 2023-يىلى بولسا تەخمىنەن 90 بولغان.

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

\

پېڭپەي خەۋىرى:11-ئاينىڭ 7-كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ توردا تىزىملىتىش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
سەيشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3346.01 نۇقتا بولۇپ،% 0.67 ئېشىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 651 مىليارد 575 مىليون يۈەن بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10743.84 نۇقتا بولۇپ،% 1.09 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 906 مىليارد 519 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2256.61 نۇقتا بولۇپ،% 3.00 ئۆرلەپ پۈتۈشۈش سوممىسى 409 مىليارد 158 مىليون يۈەن بولغان.
شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى:ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،% 90 فوند دىرېكتورى 4-پەسىلدىكى بازارغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەنى ساقلىغان ھەمدە پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، ئىستېمال قاتارلىق ساھەلەرگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەيگۇاڭ ئۇچۇرى:3-پەسىلدە:تىجارەت كىرىمى 2 مىليارد 374 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 78.33 ئاشقان؛ ساپ پايدىسى 672 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 199.90 ئاشقان.
جۇڭگو تىنچ ئوكيان سۇغۇرتا شىركىتى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ساپ پايدىسى تەخمىنەن 37 مىليارد يۈەندىن 39 مىليارد 400 مىليون يۈەنگىچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن 60 تىن 70 كىچە ئاشقان.
دۆلەت باج باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئۇنىۋېرسال سودا قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يەككە باج تاپشۇرمايدىغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى% 70 تىن ئاشقان بولۇپ، قالغان% 30 كە يەتمىگەن ئەمەلىي باج تاپشۇرغۇچىلار ئىچىدە تاپشۇرغان باج سوممىسى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغان.
تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:

\

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.28 چۈشۈپ، 43268.94 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى % 1.04 ئۆرلەپ، 18987.47 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى% 0.40 ئۆرلەپ، 5916.98 نۇقتا بولغان
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى 0.13 چۈشۈپ، 8099.02 نۇقتا، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.67 چۈشۈپ، 19060.31 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.67 چۈشۈپ، 7229.64 بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.