4-نويابىردىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2025-11-04 11:53:44


\

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە پۈتۈشۈش جانلاندى، يىل بويىچە ھېسابلىغاندا مۇددىئالىق پۈتۈشۈش سوممىسى 80 مىليارد 10 مىليون دوللار بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 2.0 ئاشتى.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
جۇڭگو فوندى گېزىتىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلىدى:خەلقئارالىق تەجرىبىلەردىن پايدىلانغاندا، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ كونترول قىلىنىشچانلىقى، ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق ئۆزگىرىشچان مىقدارى بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقى ئاجىزلايدۇ، شۇڭا تەدرىجىي ھالدا سان تىپىدىكى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىن باھا تىپىدىكى تەڭشەش-تىزگىنلەش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.
گۇاڭجوۋ شەھىرى:11-ئاينىڭ 9-كۈنىگە قەدەر، بۇ يىل ياز 231 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، 1994-يىلىدىكى 234 كۈن داۋاملاشقان رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، 1961-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزاق ياز پەسلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.


ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە

\

ئالدىنقى جۈمە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 0.53 تۆۋەنلەپ، 3452.30 نۇقتا، شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى% 0.66 تۆۋەنلەپ، 11161.70 نۇقتا، ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى% 1.24 تۆۋەنلەپ، 2321.59 نۇقتا بولدى.
خۇاكاڭ تېببىي داۋالاش مۇلازىمىتى:بۇ يىللىق زاكازدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش يۈزلىنىشى نامايان بولدى، 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىركەت يېڭىدىن 2 مىليارد زاكازنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش-ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 80 تىن 90 كىچە بولدى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى مۇنداق دېدى:ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى سوممىسىنى ئۆستۈرۈلىدۇ، شەخسلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك ياردەم پۇل سوممىسىنى ئەڭ يۇقىرى چېكى 200 مىڭ يۈەندىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك پۇل سوممىسىنى ئەڭ يۇقىرى چېكى 3 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكتىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۋەتمەسلىككە ئۆستۈرۈلىدۇ.
تيەنجىن شەھىرى:2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يىللىق سودا سوممىسىنىڭ پۈتۈن شەھەرنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 10 كە يەتكۈزۈلۈپ، 100 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بەلگىلىك خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە 50 تىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت سۈپەتلىك ماركىسىنى يېتىلدۈرۈلىدۇ.


تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە

\

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.59 ئۆرلەپ، 43988.99 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور500 كۆرسەتكۈچى% 0.38 ئۆرلەپ، 5995.54 نۇقتا، ناسداك كۆرسەتكۈچى% 0.09 ئۆرلەپ، 19286.78 نۇقتا بولدى.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى 0.76 تۆۋەنلەپ، 19215.48 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 1.17 تۆۋەنلەپ، 7338.67 نۇقتا، ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.84 تۆۋەنلەپ، 8072.39 نۇقتا بولدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.