9-سېىنتەبېردىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2025-09-09 12:15:32

\

تاموژنا باش مەھكىمىسى:ئالدىنقى سەككىز ئايدا، دۆلىتىمىز

نىڭ مال سودىسى ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 29 تىرىليون 570 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 3.5 ئاشقان.

سودا مىنىستىرلىقى:2024-يىلى، جۇڭگونىڭ تاشقى بىۋاسىتە سېلىنما ئېقىم مىقدارى192 مىليارد 200 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.4 ئېشىپ، يەرشارىۋى ئۈلۈشنىڭ % 11.9 ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، ئۇدا 13 يىل يەرشارى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇدا توققۇز يىل يەرشارىۋى ئۈلۈشتە % 10 تىن ئارتۇقنى ئىگىلىگەن.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى:كورېيە ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگولۇق كوللېكتىپ ساياھەتچىلەر ( ئۈچ كىشى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ كىشى ) گە قارىتا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىكەن، تۇرۇش مۇددىتى 15 كۈن بولىدىكەن.

ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:يېقىندا، بېيجىڭ جىڭفېي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەن-تېخنىكىسى كىرېمنىي كاربىد كىرىستال چەمبەر پىششىقلاش تېخنىكىسى ساھەسىدە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان لازېر نۇرلۇق ئايرىش ئۈسكۈنىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىپ، 12 دىيۇملۇق كىرېمنىي كاربىد كىرىستال چەمبىرىكىنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى:1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ھەرقايسى جايلارنىڭ كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي تەكشۈرۈش سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئومۇميۈزلۈك % 30 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسىلىنى بايقاش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

بېيجىڭ گېزىتىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن:8 ـ ئايدا، بېيجىڭ شەھىرى بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇدىن 2824 يۈرۈش توردا ئىمزالىنىپ پۈتۈشۈلگەن بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى% 2.3 ئاشقان؛ نىمكەش تۇرالغۇدىن 13 مىڭ 119 يۈرۈش توردا ئىمزالىنىپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى% 4.1 ئاشقان.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

دۈشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3826.84 نۇقتا بولۇپ، % 0.38 ئۆرلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 25 مىليارد 884 مىليون بولغان.شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 12666.84 نۇقتا بولۇپ، % 0.61 ئۆرلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 1392 مىليارد 846 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2933.25 نۇقتا بولۇپ، % 0.84 تۆۋەنلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 698 مىليارد 954 مىليون بولغان.

ۋورت پاي چەكلىك شىركىتى:شىركەتنىڭ يۇقىرى ئېقىشچانلىققا ئىگە ئېلېكتىر موتور سىتاتور خالتىسى يېلىم ماتېرىيالىغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ماشىنا ئادەم كەسىپ زەنجىرىدىكى خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

ئالما:ئىگىلىنشچە، بۇ يىل iPhone 17 يۈرۈشلۈك يانفونىدىن 100 مىليوننى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

كۆرۈنمە يۈز خەۋەرلىرىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن:ياپونىيە بويىچە 8-ئايدا ۋەيران بولغان كارخانا 805 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 11.3 ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپەيگەن.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى % 0.25 ئۆرلەپ، 45514.95 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى % 0.45 ئۆرلەپ، 21798.70 نۇقتا ، ئۆلچەملىك پور 500كۆرسەتكۈچى % 0.21 ئۆرلەپ، 6495.15 نۇقتا بولغان.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.14 ئۆرلەپ، 9221.44 نۇقتا، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى% 0.89 ئۆرلەپ، 23807.13 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.78 ئۆرلەپ، 7734.84 نۇقتا بولغان.

ئالتۇن جەھەتتە: ئالتۇن زاكاز مېلى% 0.61 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 3675.80 دوللار بولغان.

خام نېفىت جەھەتتە: 10-ئايدا خام نېفىت زاكاز مال باھاسى % 0.63 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 62.26 دوللار بولغان؛ بىرېنت خام نېفىتىنىڭ11-ئايدىكىزاكاز مال باھاسى% 0.79 تىن ئېشىپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 66.02 دوللار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.