1-سېنتەبېردىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2025-09-01 13:30:37

\


جامائەت خەۋىپسىزلىكى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە 16 مىليون 880 مىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلدى.
چۈنائېر :بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاتا-ئانىلار، بالىلار مېھمانسارايلىرىنىڭ زاكاز قىلىنىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 80 ئاشتى؛نۇرغۇن جايلاردا سۇ ئۈستى باغچىسى بار بولۇپ، مېھمانسارايلارنىڭ زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقىدىن 10 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
تاموژنا باش مەھكىمىسى مۇنداق دېگەن:ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 21 تىرىليون 790 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.9 ئاشتى.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3519.65 نۇقتا بولۇپ، % 0.27 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 623 مىليارد 102 مىليون بولغان.شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10684.52 نۇقتا بولۇپ،% 0.11 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 835 مىليارد 648 مىليون بولغان.ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى2197.07 نۇقتا بولۇپ،% 0.45 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 387 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى:2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار تەخمىنەن 1 مىليارد 327 مىليون كىشى بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى مۇقىم ھالدا % 95 تىن يۇقىرى بولغان.
ئاكسىيە گېزىتى:7-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، 35 ئاشكارا فوند ئالدى بىلەن ئىككى پەسىللىك دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ مەھسۇلاتنىڭ شۇ مەزگىلدىكى كۆلىمىنىڭ ئېشىشى بىردەك % 100 تىن يۇقىرى بولغان.
شاڭخەي ئاكسىيە سودا گېزىتى:كېيىنكى يېرىم يىلدا لىتىي كاربونات كەسپىنىڭ تەتۈر ئايلىنىش-ئۆزگەرمەسلىكىگە قارىتا، A پاي چېكى بازىرىدىكى مەلۇم لىتىي كان كارخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بىۋاسىتە قىلىپ مۇنداق دېگەن:ھازىر كارخانىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى باھانىڭ بۇرۇلۇشىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئەمەس، بەلكى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ھەقنى كونترول قىلىشقا يۆتكەلدى.
بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى:2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىدا جەمئىي 10 مىليون 670 مىڭ 100 يۈرۈش ئەسۋاب-ئۈسكۈنە بار، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئەسۋاب-ئۈسكۈنە 9 مىليون 925 مىڭ 100 يۈرۈش بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.11 ئېشىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈسكۈنە-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىش نىسبىتىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، سان جەھەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى % 93 تىن ئاشقان.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.20 ئۆرلەپ، 44459.65 نۇقتا؛ناسىداك كۆرسەتكۈچى% 0.27 ئۆرلەپ، 20640.33 نۇقتا، ئۆلچەملىك پۇر 500 كۆرسەتكۈچى % 0.14 ئۆسۈپ، 6268.56 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى % 0.64 ئۆرلەپ، 8998.06 نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.39 تۆۋەنلەپ، 24160.64 نۇقتا؛فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.27 تۆۋەنلەپ، 7808.17 نۇقتا بولغان.
ئالتۇن جەھەتتە: ئالتۇن زاكاز مېلى% 0.38 چۈشۈپ، 3351.40 ئامېرىكا دوللىرى/ئۇنسىيە بولغان.
خام نېفىت جەھەتتە: 8-ئايدا خام نېفىت زاكاز مېلى % 2.15 تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 66.98 بولغان.بېرنت خام نېفىتىنىڭ 9-ئايدىكى زاكاز مېلى % 1.63 تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 69.21 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.