30-ئىيۇلدىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2025-07-30 12:30:57

\

ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتىدە مۇنداق دېيلىگەن : يېقىندا بىر قىسىم ئۆز تاراتقۇلار يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى ئىچكى رىقابەتقا قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي جەھەتتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى .

\

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

مالىيە مىنىستىرلىقى:1-ئايدىن 6-ئايغىچە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 4 تىرىليون 749 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.2 تۆۋەنلىگەن؛پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 182 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.1 تۆۋەنلىگەن؛تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج-ھەق 302 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.8 تۆۋەنلىگەن

سەيفۇ جۇڭگو تىل-يېزىقى تورىدا مۇنداق دېيىلگەن:بۇ يىل «بايلىق»ژۇرنىلىدا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى تەخمىنەن 4 تىرىليون 700 مىليارد دوللار بولۇپ، يەر شارىۋى GDP نىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن % 1.8 ئاشتى.

تاموژنا ئىستاتىستىكىسى:ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 522 مىليارد 880 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.8 ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرى:7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ئۆيلۈك يەرگە ئالاقىدار ئۈچ يەر ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى يەر ئۆرلىگەن باھادا، بىر يەر تۆۋەن باھادا پۈتۈشۈلدى، ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 5 مىليارد 34 مىليون 600 مىڭ يۈەن بولدى.

جېجياڭ ئۆلكىسى يۇڭكاڭ شەھىرى:7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، جياڭنەن كوچىسىدىكى بىر تۆۋەن زىچ ئۆيلۈك يەر ئۆتۈنۈپ بېرىلدى، ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن يەر كۆلىمى 18562.87 كىۋادرات مېتىر.

شېنياڭ مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى:2024 ـ يىللىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى ئىستاتىستىكا قىلىش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، 2025 ـ يىللىق تۇرالغۇ گۇڭجىجىن تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنىڭ يۇقىرى چېكى 29 مىڭ 523 يۈەنگە تەڭشەلدى.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

سەيشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3609.71 نۇقتا بولۇپ،% 0.33 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 793 مىليارد 606 مىليون بولغان.شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 11289.41 نۇقتا بولۇپ،% 0.64 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1009 مىليارد 564 مىليون بولغان.ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2406.59 نۇقتا بولۇپ، % 1.86 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 495 مىليارد 775 مىليون بولغان.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە ـ ئىقتىساد تورىدا مۇنداق دېيىلگەن:يېقىنقى مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى يازلىق تەتىللىك سالقىنداش ساياھىتى بازىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك قىزغىن دولقۇننى كۈتۈۋېلىپلا قالماي، چېگرا سىرتىدىكى مەسىلەن ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەردە سالقىنداشقا ئالاقىدار ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە تورىدا مۇنداق دېيىلگەن:بۇ يىل يازدا، پۈتۈن يەر شارىدىكى نۇرغۇن جاي ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا ئۇچراپ، دۆلىتىمىز ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 24 تە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلدى.7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە خەلقئارا نېفىت باھاسىدا داۋالغۇش كۆرۈلدى.

شاڭگۈەن خەۋىرى:دەم ئېلىش ساياھىتىدە چاۋشيەننىڭ سودا ئېھتىياجى جانلىنىپ.ئالدىنقى يېرىم يىلدا، چاۋشيەن دەم ئېلىش، ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنى زور مىقداردا ئىمپورت قىلدى.

جۇڭگو بانكا كەسپى جەمئىيىتى:2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 24 ئاپتوموبىل پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ مۈلۈك كۆلىمى 855 مىليارد 134 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ؛پارچە سېتىشقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قالدۇق سوممىسى 690 مىليارد 24 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 204 مىليارد 96 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 23.44 ئاشقان، نىمكەش ئاپتوموبىل قەرز پۇل ئاخىرقى سوممىسى 78 مىليارد 381 مىليون يۈەن بولغان.

تايلاند:1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.18 تۆۋەنلىدى.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.46 تۆۋەنلەپ، 44632.99 نۇقتا؛ ناىسداك كۆرسەتكۈچى % 0.38 تۆۋەنلەپ، 21098.29 نۇقتا ؛ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى % 0.30 چۈشۈپ، 6370.86 نۇقتا بولغان.

ياۋروپا پاي چكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى % 0.60 ئۆرلەپ، 9136.32 نۇقتا؛گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى% 1.03 ئۆرلەپ، 24217.37 نۇقتا؛فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.72 ئۆرلەپ، 7857.36 نۇقتا بولغان.

ئالتۇن جەھەتتە: ئالتۇن زاكاز مېلى% 0.44 ئۆرلەپ، 3324.60 دوللار/ئۇنسىيە بولغان.

خام نېفىت جەھەتتە: 9-ئايدىكى خام نېفىت زاكاز مېلى % 3.75 كە يېقىن ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 69.21 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.بېرنت خام نېفىتىنىڭ 9-ئايدىكى زاكاز مېلى % 3.52 تىن ئارتۇق ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 72.51 دوللار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.