16-ئىيۇندىكى مالىيە گېزىتى

ilkan_5 2025-06-16 11:50:47

\

كې ئېرۈي :5-ئايدا، نىمكەش ئۆيلەردە داۋالغۇش كۆرۈلۈپ ئاساس سېلىش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى، يادرولۇق شەھەرلەردىكى باھا ئۆسكەن ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 45 كە تۆۋەنلىدى، لېكىن يادرولۇق شەھەرلەردىكى نىمكەش ئۆي سودا مىقدارىدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازراق ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، باھا تالىشىش بوشلۇقىدىمۇ يەنە يېڭى تۆۋەن سەۋىيە يارىتىلدى.

\

ماكرو ئىقتىساد جەھەتتە:

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىدا مۇنداق دېيىلگەن:ئالدىنقى بەش ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 286 مىليارد 420 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.4 ئېشىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

جۇڭگو ھاۋا رايى تورىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلىدى:مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە شىمالىي جۇڭگو، جەنۇبىي قىسىم، خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسىدىن سىچۇەن ئويمانلىقى، جياڭنەننىڭ شىمالىي قىسمىغىچە بۆلەكچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، سىچۇەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن خېنەن، شەندۇڭنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىغىچە 38 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن، خېنەننىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا دائىرىلىك بولۇپ، ℃ 40 تىن ئاشىدىكەن.

\

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە :

جۇڭ جىيۈەن تەتقىقات ئورنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:6-ئايغا نەزەر سالساق، نىمكەش ئۆي بازىرىدا داۋالغۇش، تەڭشەش ھالىتىنىڭ داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە، ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى داۋاملىشىدۇ.

\

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

جۈمە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى% 0.75 تۆۋەنلەپ، 3377 نۇقتا بولغان.؛شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى% 1.1 تۆۋەنلەپ، 10122.11 نۇقتا ؛ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى % 1.13 تۆۋەنلەپ، 2043.82 نۇقتا بولغان.

بىيىۋېي:پايچىك يۈەن چېڭجۈن باھا سۈرۈشتۈرۈپ ئۆتۈنۈپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق 2 مىليون 95 مىڭ 100 پاي شىركىتىنىڭ پېيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ شىركەتنىڭ ئومۇمىي پېيىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى % 3.00 گە يېتىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىش سەۋەبى ئۆزىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىدىن بولغان.

دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى:5-ئايدا، سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىق كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 21.2 ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ھاياتىي كۈچى يۇقىرى پەللىدە ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىدى؛تور سىرتىدىكى ئىستېمال قىزغىنلىق كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 25.7 ئاشتى؛ئالاقىدار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 31.0 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 8.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

جۇڭگو تۆمۈريولى:1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللاردا تاماملانغان تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 242 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.9 ئاشقان.

\

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:ئالدىنقى جۈمە كۈنى داۋجېنىس كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى% 1.79 بولۇپ، 421197.79 نۇقتا، ئۆلچەملىك پۇ 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى % 1.13 بولۇپ، 5976.97 نۇقتا،؛ناسداك كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى % 1.3 بولۇپ، 19406.83 نۇقتا بولغان.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئالدىنقى جۈمە كۈنى، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 1.07 تۆۋەنلەپ، 23516.23 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 1.04 تۆۋەنلەپ، 7684.68 نۇقتا؛ئەنگلىيەنىڭ فۇشى100 كۆرسەتكۈچى% 0.39 تۆۋەنلەپ، 8850.63 نۇقتا بولغان.

ئالتۇن جەھەتتە:ئالدىنقى جۈمە كۈنى، ئالتۇن زاكاز مېلى% 1.47 ئۆرلەپ، 3452.3 دوللار/ئۇنىسيە بولغان.

خام نېفىت جەھەتتە: 7-ئايدا خام نېفىت زاكاز مېلى % 7.26 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 72.98 دوللارغا يېتىپ، تەخمىنەن % 13 ئۆرلىگەن، بېرنت خام نېفىتىنىڭ 8-ئايدىكى زاكاز مېلى تەخمىنەن % 7.02 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 74.23 دوللار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.