گۇما ناھىيەسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىغا تۈرتكە بولدى

parida 2020-05-04 18:01:23

\

گۇما ناھىيە ھېكىم يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى غاز چاقا كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، 2017-يىل 10-ئايدا قۇرۇلغان، بۇ شىركەت يەرلىك يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش، تەتقىق قىلىپ ياساش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسپىي قورۇلغان يېمەكلىك شىركىتى، شىركەت قوبۇل قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى نامرات ئاھالىلەر بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

گۇما ناھىيە ھېكىم يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇقادىر ئۆمەر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز گۇما ناھىيەسىدىكى 19 خىل خاس مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، ھازىر شىنجاڭ ئىچىگە سېتىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە كەسىپ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىلەرنى مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ».

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.