ئالەم بوشلۇقى زادى قانداق پۇرايدۇ؟

parida 2019-04-25 15:13:17

\


ئالەم بوشلۇقىنىڭ پۇرىقى قانداق؟ بۇ ئۇزۇندىن بۇيان ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرىنى ئويلاندۇرۇۋاتقان قىيىن سوئالنىڭ بىرى. ئىنسانلار گەرچە ئالەم بوشلۇقىغا چىقالىغان بولسىمۇ، بىراق ئالەم بوشلۇقىنىڭ پۇرىقىنى تەسۋىرلىمىكى ناھايىتى تەسكە توختىغان. ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى مۇتەخەسسىسى مەخسۇس ئالەم بوشلۇقىنىڭ پۇرىقىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان خېلى كۆپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئىگىلەش ئارقىلىق، ئاخىرى مۇنداق بىر نەچچە خىل بىرلىككە كەلگەن قاراشقا ئىگە بولغان. يەنى ئۇ بولسىمۇ ئالەم بوشلۇقى كاۋاپ كۆيۈپ كەتكەندىكى ۋە مېتالنى كۆيدۈرگەندىكى پۇراققا ئوخشاش بولۇپ، سېسىق ئوكسېگىن گازىنىڭ دىماقنى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق ياكى سۇس ھاراق پۇرىقى پۇرايدىكەن. ئۈچ قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى توماسنىڭ ئېيتىشىچە، ئالەم بوشلۇقىدىن سېسىق ئوكسېگىن گازى پۇرايدىكەن. بۇ پۇراق ئىلگىرى ئۇنى يۆتەل قىلىپ قويغاچقا، بۇ پۇراق ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىكەن. بۇ پۇراق ئوق-دورا ۋە گۈڭگۈرتنىڭ پۇرىقىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.