خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەشتە ئەپچىل چارىلەرنى قوللاندى

parida 2019-04-25 12:14:13

\

رىزۋانەم كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولغاچقا، پات يېقىندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بالىسىنىڭ داشۆگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىدىن دائىم ئەنسىرەيتتى. باي ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كىيىن، دەرھال ئىدارە بىلەن ئالاقىلىشىپ، رىزۋانەم ۋە بۇ كەنتتىكى باشقا قىيىنچىلىقى بار ئىككى نامرات ئاھالىنىڭ بىرلىكتە كېرەكسىز نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش پونكىتىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ھازىر رىزۋانەمنىڭ مۇقىم كىرىمى بار بولدى، ئۇ ھەر قېتىم خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى كۆرگەندە خۇشال ھالدا، سىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمغا ياردەم بېرىپ، بالامنىڭ داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىڭلارغا رەھمەت، دەيدۇ.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن چېنشى مۇنداق دېدى: تىرىشىپ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا، بىرمۇ ئادەمنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىق، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرمۇ ئائىلىنىڭ ئارقىغا تارتىشىغا يول قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش بىزنىڭ خىزمەت نىشانىمىز.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.