يەھۇدىيلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى توغرىىسدا ھېكايە

parida 2019-03-18 15:41:07

\

نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، ئوشۋېتىس جازا لاگىرى ئىچىدە، بىر يەھۇدىي ئوغلىغا مۇنداق دېگەن يەنى : « ھازىر بىزنىڭ بىردىنبىر بايلىقمىز ئەقىل - پاراسەت، باشقىلار بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ دېگەندە، سەن چوقۇم ئۈچتىن چوڭ بولدىغانلىقىنى ئويلىشىڭ كېرەك.» ناتسىستلار بۇ ئوشۋېتىسقا زەھەر قويۇپ بەرگەندە، نەچچە يۈز مىڭ ئادەم زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، بىراق ئاتا - بالا ئىككىسى ھايات قالغان.

1946-يىلى، ئۇلار ئامېرىكىغا كېلىپ، خيۇستوندا مىس بۇيۇملارنىڭ سودىسىنى قىلغان. بىر كۈنى، دادىسى ئوغلىدىن بىر قاداق مىسنىڭ باھاسى قانچە پۇل؟ دەپ سورىغاندا ،ئوغلى 35 سېنت دەپ جاۋاب بەرگەن. دادىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن :« توغرا، پۈتكۈل تېكساس ئىشتاتىدا مىسنىڭ باھاسى 35سېنت، بىراق يەھۇدىينىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن، سەن 3.5 ئامېرىكا دوللىرى دەپ جاۋاب بېرىشىڭ كېرەك، سەن بىر قاداق مىستىن ئىشىك تۇتقۇچى ياساپ سىناپ باقساڭ بولىدۇ.»

20 يىلدىن كېيىن، دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى يالغۇز مىس بۇيۇملىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1974-يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلىنى يېڭىلاپ، كېرەكسىز ماتېرىياللارنى تازىلاش ئۈچۈن جەمئىيەتتىن خېرىدار چاقىرىغان. لېكىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىنكاس قايتىمىغان. فرانسىيىدە ساياھەت قىلىۋاتقان ئۇ ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال نيۇيوركقا قايتىپ كېلىپ، ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلىنىڭ ئاستىدا تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن مىس پارچىسى، سىم ۋە ياغاچنى كۆرگەن كېيىن، شەرتىسز ھالدا شۇ ھامان ئىمزا قويغان.

نيۇ يوركتىكى نۇرغۇنلىغان ترانسپورت شىركىتى ئۇنىڭ بۇ ئەخمىقانە ھەرىكىتىنى زاڭلىق قىلغان. چۈنكى، نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمىسى بار ئىدى، يەنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغاندا، مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلارنىڭ ئەرز قىلىشىغا ئۇچرايتتى. يەھۇدىينى كۆرۈپ مازاق قىلغاندا، ئۇ ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، كېرەكسىز ماتېرىيالنى تۈرگە ئايرىغان. ئۇ ئادەملىرىگە كېرەكسىز مىسنى سۇيۇلدۇرۇپ، كىچىك ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ چىقارغۇزدى، سېمونت پارچىسى بىلەن ياغاچنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئاستىغا تەگلىك ياساتقۇزغان، كېرەكسىز قوغۇشۇن، كېرەكسىز ئاليۇمىندىن نيۇ يورك مەيدانىغا ئاچقۇچ ياسىىغان. ئاخىردا، ئۇ ھەتتا ئەركىنلىك ئايال ئىلاھىنىڭ بەدىنىنى سۈرۈتكەندە چىققان توپا-چاڭلارنى ئوراپ، گۈل دۇكىنىغا سېتىپ بەرگەن، شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ بۇ بىر دۆۋە كېرەكسىز ماتېرىيالدىن 3 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل تاپقان ھەمدە ھەر قاداق مىسنىڭ باھاسى توپتوغرا 10مىڭ ھەسسىە قاتلانغان ئىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.