شىركىتىمىزنىڭ «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى»لىق دەم ئېلىش ۋاقتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

parida 2018-04-27 16:59:01

\

«1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، شىركىتىمىز رەھبەرلىك بەنزىسى بايراملىق دەم ئېلىش كۈنتەرتىپىنى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇردى:
1. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە جەمئىي تۆت كۈن بولىدۇ؛ 5-ئاينىڭ 2-كۈنى نورمال خىزمەت باشلىنىدۇ؛
2. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى (دۈشەنبە) بازاردا نورمال تىجارەت ئېلىپ بېرىلىدۇ، پۇل كىرگۈزۈش، پۇل چىقىرىش ۋە ھېسابات ئېچىش مۇلازىمىتى نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (سەيشەنبە) پۇل كىرگۈزۈش مۇلازىمىتى نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ، پۇل چىقىرىش ۋە ھېسابات ئېچىش مۇلازىمىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ؛ 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بازاردا نورمال تىجارەت باشلىنىدۇ؛
3. دەم ئېلىش مەزگىلىدە VIP توپلىرىغا سودا تەھلىلى داۋاملىق يوللىنىدۇ، ئەگەر خېرىدارلار بازار توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى ياكى بۇ توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى بولسا، خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەندىن كېيىن سودا ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە سودىسىغا بەرىكەت تىلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەڭ خېرىدارلارنىڭ «1-ماي» بايرىمىنى ئالدىن تەبرىكلەيمىز ھەمدە بايرامنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

شىنجاڭ ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى
2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.