كىم جۇڭئېن جۇڭگو سەنئەت ئۆمىكىگە يۇقىرى باھا بەردى

parida 2018-04-16 18:00:34

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى رەئىسى كىم جۇڭئېن 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شىتابىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جاڭ سۇڭتاۋ بىلەن كۆرۈشتى. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كىم جۇڭئېن خانىمى لى شيۆجۇ بىلەن بىللە پيوڭياڭ مۇزىكا سەنئەت تەرەققىيات تىياتىرخانىسىدا، جۇڭگو سەنئەتچىلىرىنىڭ سەرخىل ئويۇنلىرىنى كۆردى، شۇنداقلا سەنئەت ئۆمىكىنىڭ چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.