2017-يىلى 7-ئاينى10-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-07-10 11:14:43

\

ئاساسىي ئانالىز
جۈمە كۈنى ئامېرىكا 8‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.29 دوللار تۆۋەنلەپ ، 44.23 دوللار\باك بولدى . برېنىت 9‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.40 دوللار تۆۋەنلەپ ، 46.71 دوللار\باك بولدى . ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى دوكلاتى نېفىت باھاسىغا ئېلىپ كەلگەن بەلگىلىك تىرەشلىك ئۈنۈمى ناھايىتى تىزلا يوقالغانلىقتىن ، نېفىت بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى يەنىلا تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتىلدى ، ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەش بازار ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا ئەندىشە كەيپىياتى يەنىلا ئېغىر بولدى ، بۇ ئەھۋاللار سەۋەبىدىن نېفىت باھاسى قايتا تۆۋەنلىدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 43.80 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 46.30 دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى
1.جۈمە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 45.42-43.78 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا بىز نېفىتنى 44.9 ئەتراپىدىن يېنىك ئۆسۈشكە ئالدۇق ، ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلغاندا 44.8 ئەتراپىدىن يېنىك ئۆسۈشكە مال قاتتۇق ، ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلغاندا نېفىت باھاسى تىز سۈرئەتتە 44.20 ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ ، قولىمىزدىكى ئۆسۈش ماللار 0.5 دوللار ئەتراپىدا زىيان نۇقتىسىدا كېسىلىپ كەتتى ، ھەمدە بىز قولىدا چۈشۈش مېلى بار خېرىدارلار 44.8-44.9 ئەتراپىدا قولىمىزدىكى ئۆسۈش ماللارنى چىقىرىپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا نېفىت باھاسى 44.8 ئەتراپىغا ئۆرلەپ ، قولىمىزدىكى ئۆسۈش ماللارنى چىقىرىدىغانغا پۇرسەت بەردى .
2.بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
45.5

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

\

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.