2017-يىلى 6-ئاينىڭ14-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-06-14 11:09:15

\

ئاساسىي ئانالىز

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 7-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.38 دوللار ئۆرلەپ ،46.46 دوللار/باك بولدى . برېنىت 8-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.43 دوللار ئۆرلەپ ،48.72 دوللار/باك بولدى . گەرچە نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPEC تەشكىلات ئايلىق دوكلاتىدا ئىپادىلىنىشىچە ، 5-ئايلىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارى قايتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن دوللار باھا تەۋرىنىشى ئاجىز بولدى ھەم نېفىت بازىرى مۆلچەرىدە ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى تۆۋەنلىگەن ، بۇ ئەھۋال يەنىلا نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تىرەش ئېلىپ كەلدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 46.49 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 48.77 دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 46.57-45.56 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا بىز نېفىتنى 46.3-46.2 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالدۇق ، ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلىپ ، شىنجاڭ ۋاقتى چۈشتىن كىيىن 4:00-6:00 مۇھىم سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ئېلان قىلىندىغانلىقتىن ، بىز بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن ، قولىمىزدىكى ئۆسۈش ماللارنى ئىز باھاسىدا چىقىرىپ تۇردۇق . كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندا بىز نېفىتنى 45.8 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى 46.4 ئەتراپىغىچە كۆردۇق ، بۇ سودا تەھلىلدىن 0.6 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى .
2. بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ، يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىپ سودا قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
45.5

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.