2017-يىلى 6-ئاينىڭ2-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-06-02 10:47:52

\

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 7-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.04 دوللار ئۆرلەپ ،48.36دوللار/باك بولدى . برېنىت 8-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.13 دوللار تۆۋەنلەپ ،50.63 دوللار/باك بولدى .ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەپ ، نېفىت باھاسىغا قارىتا پايدىلىق تەسىر ئېلىپ كەلدى ، لېكىن نېفىت بازىرى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن يەنىلا گۇمان قىلىش پۇزىتسىيەسىدە بولدى . بۇ سەۋەبتىن نېفىت ئۆسۈش مېلىغا قارىتا ئىشەنچ يېتەرلىك بولمىدى ، ھەم دوللار باھاسى ئۆرلەپ ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 49.17 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 51.45 دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 49.17-47.90 دوللارئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى ياۋرۇپا بازىرىدا 49 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى 48.3 ئەتراپىغىچە كۆردۇق ، بۇ سودا تەھلىلدىن 0.7 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى ، ھەمدە كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلىپ ، سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ، بىز نېفىت باھاسى 48.5 دىكى باھادىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، 48.5-48.7 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا نېفىت باھاسى 48.5 دىكى باھانى بۇزۇپ ، ئەڭ تۆۋەن 47.90 ئەتراپىغا تۆۋەنلىدى ، ئەگەردە قولىمىزدا 48.5 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىۋالغان نېفىت ماللىرى بار بولسا ، بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا 48.5-48.7 ئەتراپىدىكى باھالار شەكىللەنگەندە قولدىن چىقىرىپ تۇرساق بولىدۇ . ئومۇمەن تۈنۈگۈن نېفىت سودىسى تەھلىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى .

2.بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ، تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
48.7

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.