2026-يىلى7-ئاينىڭ02-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-07-02 13:27:17

\

ئاساسىي ئانالىز
WTI خام نېفىت باھاسى ئۇدا ئۈچ سودا كۈنى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، ئاسىيا ۋاقتىدا ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 67.80 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كېلىش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇرغان. بازارنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلى تەمىنلەش جەھەتتىكى خېيىم-خەتەر ئۆرلىگەن باھانىڭ تېز سۈرئەتتە چېكىنىشىدىن كەلگەن، بولۇپمۇ ھالقىلىق سۇ تىرانسپورت يولى ھورمۇز بوغۇزىدىكى تىرانسپورت پائالىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇغراپىيەلىك جىددىيلىك سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن باھا تىرىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشتۇرغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا يوللىغان سودا پىلانى بويىچە سودا پۇرسىتى بەرمىدى؛
ياۋروپا بازىرىدا نېفىتنى 69.7 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 69.2 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 70.0 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا نېفىتنى 69.5 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 69.6 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 70.2 ئەتراپىدا چىقرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 70.5 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 70.2 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 69.0 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، چارشەنبە كۈنى نېفىت سودا پىلانى بويىچە 2.6 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ چارشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
توسالغۇ نۇقتىلىرى: 69.3 ، 70.5 ، 71.5؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 68.5 ، 67.8 ، 67.0؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.