2026-يىلى6-ئاينىڭ2-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-06-02 12:08:07

\

ئاساسىي ئانالىز
خەلقئارا نېفىت بازىرى سەيشەنبە كۈنى يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلىغان، گەرچە ئاسىيا سودا مەزگىلىدە WTI خام نېفىتى باھاسىى ئازراق تۆۋەنلەپ ھەر تۇڭى 91.80 دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدە %5 كۈچلۈك ئۆسۈش نىسبىتى خاتىرىلەنگەن، بۇ بازارنىڭ جۇغراپىيلىك رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش خەتىرىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان ۋاسىتىلىك سۆھبەتنى ۋاقتىنچە توختاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى ھورمۇز بوغۇزى ۋە قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇ تىرانسىپورت يولى ماندېب بوغۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق ئېنېرگىيە تىرانسىپورت يوللىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى تەتقىق قىلماقتا. بازار ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنىڭ يەر شارى ئېنىرگىيە ترانسپورت سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا نېفىتنى 90.8-91.2 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 91.2 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 92.0 ئەتراپىدا چىقرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ياۋروپا-ئامېرىكا بازىرىدا يوللىغان سودا پىلانى بويىچە سودا پۇرسىتى بەرمىدى؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى نېفىت سودا پىلانى بويىچە 0.8 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
توسالغۇ نۇقتىلىرى: 94.5 ، 95.8؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 92.2 ، 90.5؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.