2026-يىلى1-ئاينىڭ29-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2026-01-29 15:38:51

\

ئاساسىي ئانالىز
پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، ھەر تۇڭى 63.70 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرەنگەن، يېقىندا خەلقئارا خام نېفىت باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن، WTI خام نېفىتى بىر مەھەل تۆت ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا ئۆرلىگەن، يادرولۇق تۈرتكە جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ يەنە جىددىيلىشىشىدىن كەلگەن.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىراننى ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمىسا، تېخىمۇ قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئىراننى تېزدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ پوزىتسىيە بازارنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى تېزدىن قوزغىغان، جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۆرلەش باھاسى قايتىدىن نېفىت باھاسىنى بېكىتىش سىستېمىسىغا قايتىپ كەلگەن.
جۇغراپىيلىك ۋەزىيەت يۈكسەك سەزگۈر ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىران مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئېكسپورت ۋە ئالاقىدار سۇ تىرانسپورتى بىخەتەرلىكى باشتىن-ئاخىر بازار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. ھەرقانداق يوشۇرۇن توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى نېفىت بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ھورمۇز بوغۇزى قاتارلىق ھالقىلىق يوللار ئەتراپىدا.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. چارشەنبە كۈنى ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىدا نېفىتنى 61.2 ۋە 61.5 دىكى توسالغۇ نۇقتىلاردىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 61.0-60.8 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 61.2 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 60.8 ئەتراپىدا چىقرىىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، چارشەنبە كۈنى نېفىت سودا پىلانى بويىچە 0.4 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ چارشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىلىرى, 63.8,64.5,65.0؛ تىرەش نۇقتىلىرى 63.3,62.5,62.0؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.