2025-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2025-11-12 12:38:08

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرى مەزگىلىدە، بىرېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 65.03 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئامېرىكىنىڭ WTI خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 60.92 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇدا ئىككى كۈن ئۆرلىگەندىن كېيىن زىچ بېسىم رايونىغا يېقىنلاشقان.
بازار تەھلىلىدە مۇنداق قارالغان: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە قاراتقان ئەڭ يېڭى تەدبىرى تەدرىجىي ھالدا ئېكسپورت زەنجىرىگە سىڭىپ كىرىپ، بىر قىسىم سېتىۋالغۇچىلارنى ئىمپورت خەۋپ-خەتىرىنى قايتىدىن باھالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
بازار تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى بەش ئاساسلىق نېفىت ئايرىش زاۋۇتى 12-ئايدا رۇسىيەنىڭ خام نېفىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تېخى زاكاز چۈشۈرمىگەن بولۇپ، ئېكسپورت يۆنىلىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىق ئالامەتلىرىنى نامايان قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى Lukoil ئىراقنىڭ West Qurna 2 نېفىتلىكىدىكى «تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ»ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان، بۇ، تەدبىرىنىڭ ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى تىجارىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىدا نېفىتنى 59.5-60.0 دىكى تىرەش نۇقتىلاردىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 60.5-61.0 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 59.62 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 60.35 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى نېفىت سودا پىلانى بويىچە 0.7 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىلىرى 60.9,61.3,61.5,61.7,62.0,62.3,62.5,62.7,63.0؛ تىرەش نۇقتىلىرى 60.7,60.5,60.0,59.7,59.5,59.0,58.7,58.3؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.