2025-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2025-11-03 11:54:09

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىتى ئازراق ئۆرلەپ، ھەر باكى 61.17 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە بېسىم دائىرىسىگە يېقىنلاشتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەبلەغ سالغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا نېفىت بازىرى سىجىل ئوشۇقچىلىق يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا 2026-يىلى كۈنىگە 4 مىليون تۇڭ ئامبار زاپىسى يۇقىرى پەللىسى شەكىللىنىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
ھالبۇكى، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيە Rosneft بىلەن Lukoil غا قىلغان تەدبىرى بازارنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج ئىستىقبالىنى قايتىدىن باھالىشىغا تۈرتكە بولغان. نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدا خام نېفىتنىڭ ئوشۇقچە مىقدارى كۈنىگە 1 مىليون 900 مىڭ تۇڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، گەرچە تەمىنلەش يەنىلا ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدىكى ئوشۇقچە ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، بۇ ئارقىلىق نېفىت باھاسىنى بەلگىلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. جۈمە كۈنى ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىدا نېفىتنى 60.8-61.0 دىكى توسالغۇ نۇقتىلاردىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 60.0-59.5 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ ئومۇمەن، جۈمە كۈنى نېفىت سودا پىلانى بويىچە پايدا-زىيان شەكىللەنمىدى؛ جۈمە كۈنى نېفىت باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىلىرى 61.3,61.7,62.0,62.3,62.5,63.0؛ تىرەش نۇقتىلىرى 61.0,60.5,60.0,59.8,59.5,59.0؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.