2025-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2025-10-15 15:34:18

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسىدا ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى چۈشۈش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى. بىرېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 0.19% تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ 62.27 ئامېرىكا دوللىرى بولغانلىقى مەلۇم قىلىنغان؛ ئامېرىكىنىڭ WTI خام نېفىت باھاسى %0.17 تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ 58.60 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشكەن. ئىككى تۈرلۈك نېفىت باھاسىدا بەش ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بازار يېپىلىش باھاسى يارىتىلغان.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى (IEA) سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: يەر شارىۋى خام نېفىت بازىرىدا 2026-يىلى ھەر كۈنى 4 مىليون تۇڭغا يېتىدىغان تەمىنلەش ئوشۇقچىلىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ سانلىق مەلۇمات ئىلگىرى مۆلچەرلەنگەن ئېشىنچا مىقدارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:OPEC+غا ئەزا دۆلەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرماقتا، ھالبۇكى يەر شارىۋى ئېھتىياجنىڭ قايتا جانلىنىشى يەنىلا ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، بۇ، بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر شارىۋى سودىدىكى ئەندىشە كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىمۇ نېفىت باھاسىغا تۆۋەنلەش بېسىمى پەيدا قىلغان. ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن پورت سۇ تىرانسپورت كارخانىلىرىدىن قوشۇمچە ھەق ئالغان. بۇ قىلمىش بازارنى يەر شارىۋى سۇ تىرانسپورتى ۋە ئېنېرگىيە تىرانسپورت تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ، خام نېفىتقا بولغان ئېھتىياجنى چەكلەپ قويۇشىدىن ئەندىشىگە سالغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىدا نېفىتنى 59.5-60.0 دىكى توسالغۇ نۇقتىلاردىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 59.0 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 59.4 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 57.4 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 59.0 دىكى تىرەشتىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 59.5-60.0 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 59.0 دىكى تىرەشتىن چۈشۈپ كەتتى، شۇڭا ئۆسۈشكە كىرمىدۇق؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى نېفىت سودا پىلانى بويىچە 2 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىلىرى 58.5,59.0,59.2,59.5,60.0,60.3,60.5؛ تىرەش نۇقتىلىرى 57.8,57.5,57.0,59.8,56.5,56.0؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.