2025-يىلى9-ئاينىڭ1-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2025-09-01 12:18:16

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا سودا مەزگىلىدە، ئامېرىكا بانكىلىرىنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدە سودا سۇسلىشىپ كەتكەچكە، خەلقئارا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە داۋالغۇش ئىچىدە مۇقىم بولغان. بۇلۇنتې خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 67.36 دوللارغىچە تۆۋەنلىگەن، ئامېرىكا WTI خام نېفىتىنىڭ باھاسى 63.88 دوللارغىچە تۆۋەنلىگەن.
يېقىندا ئىككى دۆلەتنىڭ توقۇنۇشى كۈچىيىپ، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى رۇسىيە چېگراسى ئىچىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدە، ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەركەزلىك تاقابىل تۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم نېفىت ئېكسپورتىدا كاشىلا پەيدا قىلغان. بازار تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە پورتىنىڭ ھەپتىلىك خام نېفىت سېتىش مىقدارى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ، كۈنىگە ئاران 2 مىليون 720 مىڭ تۇڭ بولغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىدا نېفىتنى توسالغۇ، تىرەش نۇقتىلار ئارلىقىدا سودا ئىلىپ باردۇق؛ ئومۇمەن، جۈمە كۈنى نېفىت باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىلىرى 63.7,63.9,64.4,64.9,62.2,65.5؛ تىرەش نۇقتىلىرى 63.4,63.0,62.8,62.0,61.5 ؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.