2025-يىلى5-ئاينىڭ20-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2025-05-20 12:26:40

\

ئاساسىي ئانالىز
سودىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ۋاقتىنچە پەسىيىشى، ھەمدە قوش تۆۋەن نۇقتا بازارنىڭ سېتىۋېلىش كەيپىياتىنى جەلىپ قىلشىنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا نېفىت باھاسى تىرەككە ئۇچرىدى. لېكىن نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەش بوشلۇقى چوڭ ئەمەس، بۇ ئاساسلىقى ترامپنىىڭ ئېنىقسىز تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەمدە OPEC+مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تەدبىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن بولغان. يىراق مەزگىلدىن قارىغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئىران يادرو كېلىشىمى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك؛ ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، نېفىت بىلەن تەمىنلەش بېسىمى داۋاملىق ئاشىدىكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، ياز پەسلىدىكى نېفىت ئىستېمالىنىڭ ئاۋات پەسلى، ھەرقايسى ئاساسلىق ئىستېمال دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ئىستېمالىنىڭ ئېشىش مىقدارىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك؛ ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇش ئىستىقبالىنىڭ پەسكويغا چۈشۈشى ھەمدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، نېفىت باھاسى يەنىلا بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىدا نېفىت باھاسى 61.5 دىكى باھادا تىرەشكە ئۇچرايدۇ، تىرەشتىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 62.2-63.0 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن، 61.4 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 61.62 ئەتراپىغىچە چىقرىىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە بىر قېتىملىق سودا مەشغۇلاتىدىن 0.2 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىلىرى 62.3,62.7,63.2,63.5,64.0؛ تىرەش نۇقتىلىرى 62.0,61.5,61.0,60.5,60.0؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.