2025-يىلى3-ئاينىڭ18-كۈندىكى نىفىت سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2025-03-18 11:41:43

\

ئاساسىي ئانالىز
ئاساسىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىق جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىي ۋەزىيەتنىڭ نېفىت بازىرىغا بولغان تەسىرىنى يوشۇرغان.
يەر شارىۋى ئېھتىياج ئىستىقبالى يەنىلا سۇسلىشىپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان :
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ( OECD ) نىڭ ئەڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا توسالغۇ بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەر شارىۋى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پارچە سېتىش سودىسىنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىدىن تېز بولغان، لېكىن ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ مەھسۇلاتى تۆۋەنلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، ئومۇمىي ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇشنىڭ يەنىلا مۇقىم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى 68.5 ۋە 69.0 دىكى باھالاردا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، توسالغۇدىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 67.5 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ ھەمدە تۆۋەنلەش جەرياندا ئەگەر 67.5 دىكى تىرەشتىن چۈشۈپ كەتسە 67.2-67.0 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 67.5-68.0 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 67.5 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 68.1 ئەتراپىغىچە چىقرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە بىر قېتىملىق سودا مەشغۇلاتىدىن 0.6 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى!
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. كونكېرىت سودا پىلانى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى 67.8,68.2,68.5,69.0 ؛ تىرەش نۇقتىسى 67.5,67.2,67.0,66.6,66.0 ؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.