2017-يىلى 11-ئاينىڭ23-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

kudret 2017-11-23 11:15:11

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا 1‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.19 دوللار ئۆرلەپ، 58.02 دوللار\باك بولدى. برېنت 1‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.71 دوللار ئۆرلەپ، 63.30 دوللار\باك بولدى. ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى دۋاملىق تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار باھا تەۋرىنىشىنىڭ ئاجىز بولىشىمۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يارىتىپ بەردى، گەرچە ئامېرىكا نېفىت بۇرغۇلاش سانى چوڭ كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ 2015‏-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ تۇنجى قېتىم قايتىدىن 58 دوللار\باك دېگەن باھانى بۇزۇپ تاشلىشىنى توسۇپ قالالمىدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 58.14 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 63.41 دوللار\باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى
1.سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 56.32-57.22 دوللار ئارىلىقدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازىرىدا بىز بازار ئەھۋالىنى كۆزۈتۈشنى ئاساس قىلدۇق ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز 56.6-56.8 ئەتراپىدىكى باھالاردىن يېنىك چۈشۈشكە مال ئالدۇق ھەم قولىمىزدىكى بارلىق نېفىت چۈشۈش ماللىرىنى 56.6 ئەتراپىدىكى باھادا قولىمىزدىن چىقىرىپ تۇردۇق بۇنىڭدىن 0.2 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. تۆنۈگۈنكى تەھلىل بويىچە قىلىنغان نېفىت سودىسدىن جەمئىي 0.2 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى.

2.بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
58.5


مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.