2017-يىلى 9-ئاينىڭ18-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

kudret 2017-09-18 11:43:33

\


ئاساسىي ئانالىز

جۈمە كۈنى ئامېرىكا 10‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى بازار يېپىلىش ۋاقتىدا 49.89 دوللار\باكتىكى باھادا تەڭپۇڭلاشتى ، برېنت 11‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.15 دوللار ئۆرلەپ ، 55.62 دوللار\باك بولدى . ئامېرىكا نېفىت بۇرغۇلاش سانىنىڭ چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىشى، نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئۈمۈدىنى يۇقىرى كۆتۈردى ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا نېفىت ئېھتىياج يۈزۈنىڭ كۈچلۈك بولغان ئىپادىسى نېفىت باھاسىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېلىپ كەلدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 50.12 دوللار\باك بولدى ، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 55.85 دوللار\باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى
1.جۈمە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 49.41‏-50.13 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، بىز ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 49.7 ئەتراپىدىكى باھادىن يېنىك چۈشۈشكە ئېلىپ بىر قىسىم ماللارنى 49.5 ئەتراپىدىكى باھادا قولىمىزدىن چىقاردۇق ، چۈشتىن كېيىنكى ياۋروپا بازىرىدا بىز 50 ئەتراپىدىكى باھادىن چۈشۈشكە مال قوشتۇق ۋە بىر قىسىم ماللارنى 49.7 ئەتراپىدىكى باھادا قولىمىزدىن چىقىرىپ تۇردۇق بۇنىڭدىن جەمئىي 0.3 دوللار پايدا شەكىللەندى ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بىز بازار ئەھۋالىنى كۆزۈتۈشنى ئاساس قىلدۇق . قولىمىزدىكى چىقىرىپ بولالمىغان چۈشۈش مېلى بولسا بۈگۈن مۇۋاپىق پايدا كۆرۈلگەندە قولىمىزدىن چىقارساق بولىدۇ .

2.بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
49.5
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.