شىكەرنىڭ باھاسى ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى، قەھۋەنىڭ باھاسى تۆۋەنلىدى

parida 2017-06-07 15:57:58

\

رۇتېر ئاگېنتلىقى نيۇيورك\لوندون 6-ئىيۇن خەۋىرى: قىتئەلەر ئارا سودا بىرژىسى (ICE)دا، شىكەرنىڭ قەرەللىك مال باھاسى سەيشەنبە كۈنى ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى. سودىگەرلەرنىڭ داۋاملىق قۇرۇق تولۇقلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى شىكەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. Arabica قەھۋەسى ۋە كاكائونىڭ قەرەللىك مال باھاسى تۆۋەنلىدى.
7-ئايلىق قەرەللىك شىكەرنىڭ باھاسى 0.09 سېنت ياكى %0.65 ئۆستى، ھەر قادىقىنىڭ باھاسى 13.98 سېنت بولدى. سودا داۋامىدا يېقىنقى بەش ھەپتىدىكى تۆۋەن باھا 13.63 سېنتقا يېقىنلاشتى، ئارقىدىن يەنە ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى.
نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق فرانسىيە تەرەققىيات بانكىسى تاۋار بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ماي باھاسى تۆۋەنلىسە، شىكەرنىڭ يېقىنقى ئايلىق توختامدىكى باھاسىمۇ 14 سېنت تۆۋەنلەيدىكەن.
8-ئايلىق قەرەللىك ئاقشىكەرنىڭ باھاسى بىر دوللار ياكى %0.24 ئۆستى، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 413.90 دوللار بولدى.
7-ئايلىق Arabica قەھۋەسىنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى كۈنىدىكى ئۆسۈش نۇقتىسىغا قايتتى، باھاسى 2.9 سېنت ياكى %2.26 تۆۋەنلىدى، ھەر قادىقىنىڭ باھاسى 1.2555 دوللار بولدى.
7-ئايلىق Robusta قەھۋەسىنىڭ باھاسى 11 دوللار ياكى %0.55 تۆۋەنلىدى، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 1.985 دوللار بولدى.
7-ئايلىق نيۇيورك كاكائوسىنىڭ باھاسى 13 دوللار ياكى %0.65 تۆۋەنلىدى، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 1.975 دوللار بولدى. 7-ئايلىق لوندون كاكائوسىنىڭ باھاسى بىر فوندستېرلىڭ ياكى %0.06 تۆۋەنلىدى، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 1.540 فوندستېرلىڭ بولدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.