شىنجاڭدا پاختا باھاسى چۈشۈشى مۇمكىن

gulbostan 2017-05-25 17:50:57

\

جۇڭگو پاختا تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: يېقىندا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، كورلا قاتارلىق رايونلىرىدا تېمپراتۇرا يۇقىرىلىدى، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ھۆل-يىغىن نىسبەتەن ئاز بولۇپ، يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق قۇرغاق ھاۋا كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولدى.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاقسۇلۇق بىر دېھقاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كېۋەزنىڭ كۆپ قىسىمى 3-يۇپۇرماق مەزگىلىدە بولۇپ، ئاز بىرقىسىمىلا 5-يۇپۇرماق مەزگىلىگە كىرگەن. ئەمما، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى يامانلىشىپ، زىيانداش ھاشاراتلار يامراشقا باشلىغان. ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كېۋەزنىڭ ئۆسۈشى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن.

يېقىندا، شىنجاڭدا پاختىنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن، 24-مايغىچە، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى قولدا تېرىلغان پاختىنىڭ باھاسى 16100~16000 يۈەن\توننا بولۇپ، تۆنۈگۈنكى بىلەن تەڭ بولغان. بىراق ئەمەلىي سودا جەريانىدا، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا 200~100 يۈەن\توننا ئېتىبار باھادا سېتىپ بېرىلگەن.

24-ماي بىر بازارچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، پاختا باھاسى مۇقىمدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە چۈشۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن: بىرىنچىدىن، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان،شىنجاڭدا پاختا باھاسى 400~300 يۈەن\توننا ئۆسىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، ئەمما بۇ ئاساسىي جەھەتتىن يەككە تەرەپلىك ئۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى قالاق توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە سودىگەرلەر بۇنى ئېتراپ قىلمىغاچقا، پاختا باھاسى ئۆسكەن تەقدىردىمۇ ئەمەلىي پۈتۈشۈش سودىسى ئاز بولىدىكەن. ئىككىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش خائىشى كۈچلۈك ئىكەن. يېقىندىن بۇيان زاپاس مىقدارىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىر قىسىم كارخانىلار پاختىنى تۆۋەن باھادا ساتقان، بولۇپمۇ بىرقىسىم تۆۋەن سۈپەتلىك پاختىلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان. مەسىلەن، 24-ماي قەشقەر، كورلا قاتارلىق رايونلاردىكى 2227-دەرىجىلىك ساپ پاختىنىڭ نەق مال باھاسى 15200 يۈەن\توننا بولۇپ، تۆنۈگۈنكى باھادىن 100 يۈەن\توننا تۆۋەنلىگەن، ئەمەلىي سودا پۈتۈشۈش جەريانىدا 200 يۈەن\توننا ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ پاخىسىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاشلا سۇس. 24-ماي خېنەن جېڭجۇلۇق بىر سودىگەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بېرى، ئارانلا ئۈچ تۈركۈم پاختا سېتىلغان، ئاساسلىق سەۋەبى، قالاق توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى پاختا باھاسىنى يۇقىرى كۆرۈپ سېتىۋىلىشنى خالىمىغان.

جېڭجۇ پاختىسى، ICE قارارلىق پاختىنىڭ باھاسىمۇ ئوخشاشلا چۈشكەن. ئالدىنقى چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ جېڭجۇ پاختىسى، ICE قارارلىق پاختىسىنىڭ باھاسى ئۆسۈشتىن توختاپ چۈشۈشكە باشلىغان.

تور پاختا بازىرى كاسات بولغاچقا كارخانىلارنىڭ سېتىۋىلىش خائىشى ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس. يېقىندا، ئادەتتىكى تور پاختىنىڭ باھاسى 200~150 يۈەن\توننا تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلارنىڭ پايدىغا ئېرىشىش بوشلۇقى كىچىكلىگەن. بۇمۇ شىنجاڭ پاختىسىنىڭ باھاسىنى بوغۇپ قويغان. يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە، شىنجاڭ پاختىسى ئۆسۈشتىن توختىشى ياكى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.