كانادا بۇغداي زاپىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن يۇقىرى بولدى

gulbostan 2017-02-07 17:16:30

\

مەددىنىيەت مالىيە خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: كانادا سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 3-فېۋرال ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر كانادادىكى بارلىق بۇغداي زاپىسى 25 مىليۇن 31 مىڭ توننا بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى 21 مىليۇن 431 مىيۇن توننىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى دۇلۈن بۇغداي زاپىسى 6 مىليۇن 9011مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى 4 مىليۇن 231 مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولغان.
كانادا ProFarmerشىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى Mike Jubinville نىڭ بىلدۈرىشىچە، زور بىر قىسىم دۇلۈن بۇغدىيىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ئوسال بولغان.
ۋىننىپېگ GAP SAزىرائەتلىرى ۋە تەييار مەھسۇلاتلار شىركىتىنىڭ دېرىكتورى Jerry Klassen نىڭ بىلدۈرىشىچە، دۇلۈن بۇغدىيىنىڭ باقمىچىلىقتا ئىشلىتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 200 مىڭ توننا ئاشقان بولۇپ، بۇ دۇلۈن بۇغدىيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ سۈپىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى ئېسپاتلايدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.