ئامېرىكا نەق مال سېرىق پۇرچاق باھاسى

karima 2016-12-05 16:04:30

\

جۈمە كۈنى ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق نەق مال بازىرىدا ھەم ئۆسۈش ھەم چۈشۈش كۆرۈلدى.

ئامېرىكا قولتۇقىدا، ئامېرىكا 1- نۇمۇرلۇق نەق مال سېرىق پۇرچاق ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 10.645 دوللار بولۇپ، توختام ھەر توننىسى 391.1 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىن 0.25 سېنت/ بوشىل بولدى. لۇئىسسانا قولتۇقىدىكى ئاساس باھا پەرقى CBOT نىڭ 1- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن 36-38 سېنت يۇقىرى چىققان، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 31-38 سېنت يۇقىرى بولغان.

ئىللىنوئىس شىتاتىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلېرىدا، سېرىق پۇرچاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى سېتىۋالغان سېرىق پۇرچاق ئوتتۇرچە باھاسى ھەر بۇشىل 10.175 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 3.75 سېنت تۆۋەنلىگەن. ئاساس باھا پەرقى CBOT نىڭ 1- ئايلىق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسىدىن 15-5 سېنت تۆۋەن بولغان، ئالدىنقى سودا كۈنى 12-5 سېنت تۆۋەن بولغان.

جۈمە كۈنى ، چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى(CBOT) قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى تۆۋەنلىدى. 1- ئايلىق توختام ئالمىشىدىغان قەرەللىك سېرىق پۇرچاق بازار يېپىلىش باھاسى 2.25 سېنت تۆۋەنلەپ، 1027.5 سېنت/ بوشىل بولدى؛ 3-ئايلىق قەرەللىك توختامنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى 1.75 سېنت تۆۋەنلەپ، 1037.25 سېنت/ بوشىل بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.