ئۇكرائىنانىڭ بۇغداي ئېكىسپورت مىقدارى تۆۋەنلىدى

gulbostan 2016-07-26 10:19:11

\

2016\17-يىللىق ئۇكرائىنانىڭ بۇغداي ئېكىسپورت مىقدارى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1\4ھەسسە كېمەيگەن بولۇپ، قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى كۆپ قىسىم ئېكىسپورت دۆلەتلىرى بۇنىڭدىن زور پايدىغا ئېرىشتى. بىلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈچ نەپەر تەھلىلچىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2016\17-يىللىق ئۇكرائىنا جەمئىي 13مىليۇن توننا بۇغداي ئېكىسپورت قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%23 ئازايغان. ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى يىللىق بۇغداي ئېكىسپورت مىقدارى تارىختىكى رېكورتنى بۇزۇپ 16مىليۇن 900مىڭ توننىغا يەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.