7- ئايلىق CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2016-05-12 11:29:10

\

چارشەنبە كۈنى چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) نىڭ 7- ئايلىق كۆممىقۇناق توختام باھاسى تۆۋەنلىدى، تۈنۈگۈن كەچ 3% يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن كەينىگە قايتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

قەرەللىك كۆممىقۇناق قەرەللىك سېرىق پۇرچاق يۈنىلىشىگە ئەگەشكەن بولۇپ، قەرەللىك سېرىق پۇرچاق باھاسى ئاۋۋال ئۆسۈپ، ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلدى.

7- ئايلىق توختام بازار يېپىلىش باھاسى 3-1/2 سېنت تۆۋەنلەپ، ھەر بۇشىل 3.77-1/2 دوللار بولدى.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا كۆممىقۇناق سېتىلىدىغان زاپاس مىقدارى 2016/17 يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 21.5 مىليون بۇشىلغىچە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. سودىگەرلەر بۈگۈنكى كۆممىقۇناق زىرائىتى دوكلاتىغا دىققەت قىلىدۇ.

ھاۋارايى ئەھۋالىمۇ قەرەللىك كۆممىقۇناق باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا ئوتتۇرا غەربىي قىسمى رايونىنىڭ كىلەر ھەپتىلىك قۇرغاق سالقىن ھاۋارايى كۆممىقۇناق تېرىش ئەھۋالىغا ياردىمى بولىدۇ.

باش تاۋار تەتقىقاتچىسى ArlanSuderman نىڭ دوكلاتىدا ئېيتىشىچە،" كۆممىقۇناق ۋە بۇغداي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بۇ ئىككى خىل زىرائەت ئاساس يۈزىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، سېرىق پۇرچاقنىڭ كەمچىل بولۇشى كۈچلۈك تىرەشلىك بولغاندىن كېيىن ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاش تەس بولدى." دەپ كۆرسەتتى.

جەنۇبىي ئامېرىكا تەمىنلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېنىقسىزلىقى يوشۇرۇن تىرەشلىك بىلەن تەمىنلىگەن.

بۈگۈن CBOT قەرەللىك كۆممىقۇناق سودا پۈتۈم مىقدارى مۆلچەرى293,230 قول بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.