CBOT قەرەللىك بۇغداي باھاسى تۆۋەنلىدى

karima 2017-10-05 16:58:15

\


چارشەنبە كۈنى چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى قەرەللىك بۇغداي بازار يېپىلىش باھاسى تۆۋەنلىدى، سەۋەبى بازاردا گرافىكلىق چۈشۈش ھالىتىدە بولغان ھەمدە باھاغا تىرەشلىك بولدىغان خەۋەرلەر كەمچىل بولغان.

12- ئايلىق CBOT قەرەللىك بۇغداي بازار يېپىلىش باھاسى 6 سېنت تۆۋەنلەپ، ھەر بۇشىل 4.42 دوللار بولدى، لېكىن دۈشەنبە كۈنى كۆرسەتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى تۆۋەن نۇقتا 4.39-1/2 دوللارنىڭ يۇقىرىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالدى.

ئامېرىكا ئوتتۇرا غەربىي قىسىم كۈزگى قىزىل بۇغداي تېرىش رايونلېرىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ھۆل يېغىن ئەھۋالىنىڭ بولۇشى ھەمدە يېقىنقى مەزگىلدە چوڭ تۈزلەڭلىكتىكى قاتتىق قىزىل كۈزگى بۇغداي تېرىش رايونلېرىدا ھۆل يېغىن بولۇش ئەھۋالى بازارغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلدىغان ھەپتىلىك ئېكىسپورت سېتىش دوكلاتىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە تەھلىلچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرىدە ئامېرىكا شۇ ھەپتىلىك بۇغداي سېتىش مىقدارى مۆلچەرى 300-500 مىڭ توننا ئارلىقىدا بولغان.

بۈگۈن CBOT قەرەللىك بۇغداي سودا پۈتۈم مىقدارى مۆلچەرى 98435 قول بولدى.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.