CBOT قەرەللىك بۇغداي بازار يېپىلىش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى

karima 2017-08-28 16:39:27

\


جۈمە كۈنى چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزىنىڭ قەرەللىك بۇغداي بازار يېپىلىش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى، سەۋەبى تېخنىكىلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچرىغان.

يېقىنقى ئايلاردىكى توختام باھاسى توختامدىكى تۆۋەن نۇقتىلاردىن بىر ئاز يۇقىرى بولۇپ، ئالدىنقى كۈنىدىكى دۇنيا تەمىنلەش يىتەرلىك بولۇش زەربىسىگە ئۇچراپ، باھا توختامدىكى تۆۋەن نۇقتىلارنى كۆرسەتتى.

12- ئايلىق CBOT قەرەللىك بۇغداي توختام بازار يېپىلىش باھاسى 3/4 سېنت يۇقىرى ئۆرلەپ، ھەر بۇشىل 4.35-1/4 دوللار بولدى.

ياۋرۇپا سودىگەرچىلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالجىرىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشلىق ئورگىنى OATC دىن ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى 590 مىڭ توننىلىق بۇغداي ئۇنى سېتىۋېلىش ئاخىرلاشقان بولۇپ، سودىگەرلەر بۇ بۇغدايلارنى فرانسىيە ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلىكىنى قىياس قېلىشتى.

نۆۋەتتە سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىدە بولدىغىنى قاتتىق بوراننىڭ مېكسىكا قولتۇقى قىرغىقىغا ئەتراپىدىغا يېقىنلىشىپ كەلگەندىكى تەرەققىيات ئەھۋالى بولۇپ، چۈنكى مەزكۇر رايون بولسا ئامېرىكا بۇغداي ئېكىسپورت قىلدىغان مۇھىم پورت ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈن CBOT قەرەللىك بۇغداي سودا پۈتۈم مىقدارى مۆلچەرى 99804 قول بولدى.


\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.