رۇسيە OPEC بىلەن ھەمكارلىشىپ نېفىت بازىرىنى قايتا قۇرماقچى

parida 2017-07-20 16:57:31

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 19-كۈنى) دىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسيە تەرەپ ئاللىبۇرۇن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) بىلەن بىرلىكتە نېفىت بازىرىنى قايتا قۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولغان. موسكۋا نىگىرىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، OPEC نىڭ رەھبىرى - سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرغا قويغان كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكلىپكە قوشۇلغان. لىۋىيە بىلەن نىگىرىيەنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىكى مەھسۇلات مىقدارى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىققان بولۇپ، نېفىت بازىرىنىڭ تەڭپۇڭلىشىش مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزگەن.
رۇسىيە نېفىت بازىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى دەپ قاراپ، باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كېلىشىمنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان OPEC ۋە غەيرىي OPEC تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېنىرگىيە مېنىستىرلىرى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى رۇسيەنىڭ ساينت پېتىرىبۇرگدا مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمى ۋە كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.