ماي باھاسى بىر يېرىم ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى

parida 2017-07-20 16:19:56

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ تۆۋەنلىشى ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغاچقا، ئاسىيا بازىرىدا پەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلىق بولدى، بىر كېچىدە بىردىنلا %2 ئۆرلىدى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 47.46 دوللار بولۇپ، بىر يېرىم ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. ئەمما بازارنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەمىنلەش مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا نىسبەتەن ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى يەنىلا 50 دوللارلىق ئۆتكەلدىن تۆۋەن بولدى.
پەيشەنبە كۈنىدىكى كۆرسەتكۈچتە بېرېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 49.70 دوللار بولدى، بىر كېچىدە %1.8 ئۆرلىدى؛ ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 47.30 دوللار بولدى، بىر كېچىدە %1.6 ئۆرلىدى.ئىككى خىل خام نېفىتنىڭ توختام باھاسى چارشەنبە كۈنى ئوخشاشلا 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.