قەرەللىك خام نېفىت باھاسى ئۆرلىدى

parida 2017-07-19 16:00:38

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ھەمدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان يەرشارى نېفىت بىلەن تەمىنلەش ۋە تەلەپ مەسىلىسىنىڭ تېزلىكتە ھەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرنىڭ تۈرتكىسىدە، NYMEX مەركىزىدە خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى سەيشەنبە كۈنى داۋاملىق ئۆرلىدى.
نيۇيورك ۋاقتى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 14:30 (بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 2:30) دا، NYMEX مەركىزىدە خام نېفىتنىڭ 8-ئايلىق قەرەللىك مال توختام باھاسى 0.38 دوللار ئۆرلىدى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 46.40 دوللار بولدى. برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 0.42 دوللار ئۆستى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 48.84 دوللار بولدى.
خەلقئارا ئېنىرگىيە ئىدارىسى (IEA) ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن يەرشارى بويىچە خام نېفىت ئېھتىياجى ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئېشىش ۋەزىيىتى 2018-يىلى پۈتۈن بىر يىل داۋاملىشىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.