OPEC تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان ئېكۋادور نېمىشقا يەنە قارارىدىن يېنىۋالدى

parida 2017-07-19 12:57:57

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتى دۈشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 17-كۈنى) كىرىمىنى ئاشۇرۇش سەۋەبلىك نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، ئەمما نەچچە كۈندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرغا كىرىشى بىلەن ئېكۋادور يەنە (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىمى بويىچە تەمىنلەش-تەلەپ مەسىلىسىنى پەسەيتىشكە قايتا ۋەدە بەردى.
ئېكۋادورنىڭ نېفىت مىنىستىرى Carlos Perez دۈشەنبە كۈنى زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېكۋادور بۇلتۇر OPEC بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىز، چۈنكى دۆلەت خەزىنىسى مەبلەغقە ئېھتىياجلىق، شۇڭا بىز مەھسۇلات مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشنى قارار قىلدۇق، ئەمەلىيەتتە ئېكۋادورنىڭ قانداق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر OPEC تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىغا چوڭ تەسىر يەتمەيدۇ. ئەمما Carlos Perez سەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 18-كۈنى) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت مىنىستىرى Khalid Al-Falih بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى ھەمدە OPEC تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش ئارقىلىق ماي باھاسىنى ئۆستۈرۈش مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستان OPEC تەشكىلاتىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ماي باھاسىغا «ئاكتىپ تەسىر» كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
يەرشارى خام نېفىت بازىرىنىڭ كۆلىمىدىن قارىغاندا، ئېكۋادورنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشى ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس، چۈنكى ئېكۋادورنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشى پۈتۈن يەرشارىنىڭ 25 سىكۇنتلۇق ئىستىمال مىقدارىغىمۇ يەتمەيدۇ. ئەمما، ئېكۋادورنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشىOPEC تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بىر خەتەرلىك ئەھۋالنى پەيدا قىلىشى يەنى مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولغان چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.