نېفىت مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلىدى

xayida 2017-06-30 16:33:26

\


ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلىگەنلىك سەۋەبىدىن ، دۇنيادىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەندىشىسى قىسقا ۋاقىت ھەل بولدى . پەيشەنبە كۈنى خەلىقئارا نېفىت باھاسى ئالتە سودا كۈندىكى ئۆسۈش يۆلىنىشىنى ئۇدا داۋاملاشتۇردى ، بۇ يەنىلا 4 ئايدىن بۇيانقى ئۆسۈش يۆلىنىشىنى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان ھەپتە بولدى .

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.19 دوللار ئۆرلەپ ، 44.93 دوللار\باك بولدى ، ھەم چۈشتىن بۇرۇنقى سودا ۋاقتىدا 45.45 دوللار ئەتراپىغا ئۆرلەپ ،ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.11 دوللار ئۆرلەپ ، 47.42 دوللار\باك بولدى . OPEC تەشكىلات ۋە رۇسىيە قاتارلىق OPEC ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 5-ئاينىڭ 25-كۈنى نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىم يۈرگۈزۈلۈش مۇددىتىنى كېلەركى يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلىگىچە ئۇزارتىش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، نېفىت باھاسى ئۆرلىمەي ئەكسىچە تۆۋەنلىدى ، ھەم ئالدىنقى ھەپتە 10 ئايدىكى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشتى . بىراق ، كىيىن نېفىت باھاسى %5 ئەتراپىدا ئۆرلەپ ، 4 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئۆرلەش مەزگىلىنى ياراتتى .

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.