خام نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

parida 2017-06-16 12:32:49

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۈمە كۈنى (6-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، خام نېفىت باھاسى ئالتە ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى، بازاردىكى تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولۇش ئەندىشىسى نېفىت سودىگەرلىرىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
گەرچە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى 9 ئاي يەنى 2018-يىلنىڭ 1- پەسلىگىچە ئۇزارتقان بولسىمۇ، ئەمما 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئىككى خىل ئاساسىي ئۆلچەمدىكى خام نېفىتنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە %10 تۆۋەنلىدى. رۇتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، رۇسيە 3-پەسىلدە 61 مىليۇن 200 مىڭ توننا خام نېفىت (تەخمىنەن 5 مىليۇن تۇڭ)، 2-پەسىلدە 60 مىليۇن 500 مىڭ توننا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى مۆلچەرلەۋىتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى بىر مىليۇن 661 مىڭ تۇڭ ئازايغان، بۇ بازار مۆلچەرىدىكى ئىككى مىليۇن 955 مىڭ تۇڭ ئازىيىش نىشانىغا يەتمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە 120 مىڭ تۇڭدىن ئېشىپ 9 مىليۇن 330 مىڭ تۇڭغا يەتكەن، ئۇدا 17 ھەپتە كۈنىگە 9 مىليۇن تۇڭدىن يۇقىرى بولغان.
ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ ئايلىق دەسلەپكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە 10 مىليۇن تۇڭدىن ئاشىدىكەن. ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى %10 ئېشىپ، كۈنىگە 9 مىليۇن 300 مىڭ تۇڭغا يەتكەن.
نۆۋەتتە، برېنىت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 47 دوللاردىن تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرىۋاتىدۇ، ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ باھاسىمۇ 44.44 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ.
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 10:21 دە، برېنىت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 46.96 دوللار\تۇڭ، ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ باھاسى 44.47 دوللار\تۇڭ بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.