ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپسى شىددەت بىلەن ئاشتى

parida 2017-06-14 13:12:32

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى (API) سەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 13-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىشى ۋە ئىمپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ مىقدارى يەنە ئاشقان. بېنزىن زاپسىنىڭ مىقدارى ئاشقان، ئەمما چەككىلەنگەن ماينىڭ زاپسى كېمەيگەن.
ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى (API)نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپسى ئىككى مىليۇن 753 مىڭ تۇڭ ئاشقان، تەھلىلچىلەر ئەسلىدە ئىككى مىليۇن 700 مىڭ تۇڭ كېمىيىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ئىدى. كۇشىڭ خام نېفىتىنىڭ زاپسى 8 مىليۇن 330 مىڭ تۇڭ كېمەيگەن.
داڭلىق پۇل-مۇئامىلە بىلوگى تورى Zerohedge نىڭ باھا بېرىشىچە، خام نېفىت زاپسىنىڭ زور مىقداردا ئېشىشى بازار مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن؛ بېنزىن زاپسىمۇ پەۋقۇلئاددە ئاشقان، بۇ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)نىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ئۈنۈمىگە نىسبەتەن قاتتىق زەربە بولۇپ، ماي باھاسى «تۆكمە قىلىپ سېتىش» بېسىمىغا دۇچ كېلىشى، ئامېرىكا ئىككى خىل نېفىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن باھاسى ئوخشاش تۆۋەنلىشى مۇمكىن؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يازلىق سەپەر يۇقىرى دۇلقۇنىنىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجنى كۈچەيتىشى بىلەن، بازار مۆلچەرىدىكى نېفىت زاپسىنىڭ مىقدارى ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن ئىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.