نېفىت زاپسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىشى مۇمكىن

parida 2017-06-12 18:13:57

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى ئايدا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) باشچىلىق قىلغان مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمى 2018-يىلى 3-ئايغىچە ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، بىراق تېخىمۇ چوڭ بولغان مەھسۇلاتنى كېمەيتىش تەدبىرلىرى تۈزۈلمىگەچكە نېفىت بازىرى يەنىلا كاساتلىشىش ئەھۋالىدىن قۇتۇلالمىدى، ماي باھاسى %10 تۆۋەنلىدى. شۇنداقتىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسيەنىڭ ئىنېرگىيە مىنىستىرى يەكشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 11-كۈنى) ئېچىلغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا،ماي باھاسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، نېفىت زاپسى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.
رۇسيەنىڭ ئىنېرگىيە مىنىستىرى Alexander Novak مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىندا ماي باھاسى ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە ئېشىشى تۈپەيلىدىن تۆۋەنلىدى، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ئىستراتېگىيىسى2018-يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، (OPEC) تەشكىلاتىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت-سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنېرگىيە مىنىستىرى Khalid Al-Falih مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نېفىت زاپسى يەرشارى مىقياسىدا تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە كەلگۈسى 4-3 ئايدا تېز سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ، ئاخىرىدا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن (OPEC)تەشكىلاتىنىڭ بەش يىللىق ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ كۆزلەنگەن نىشانىغا يېتىدۇ. ئەگەر مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمى كۈتكەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىسە، سىياسەت قايتىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.